باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>2016-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن

«زېھنىمىز ۋە كۈچىمىزنى مۇجەسسەملەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىمىز»

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ سىياسىي كېڭەش خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقتى

2016.03.06 13:16         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنىغا قاتناشقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزالىرى 4 - مارت ئۆز ساھەسىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى، ئەزالار ئۆز قاراشلىرىنى بەھۇزۇر سۆزلەپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلاتقا قاراپ چىقتى.

  ئەزالار مۇنداق دېدى: دوكلات ناھايىتى ئەمەلىي بوپتۇ، كىشىنى رىغبەتلەندۈرىدۇ، ئۆگەنگەندىن كېيىن ناھايىتى چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە بولدۇق، ئىلھاملاندۇق، ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كېڭىشىش - دېموكراتىيە قۇرۇلۇشىغا قويغان تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتەك ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە مۇھىم رولى نامايان قىلىنىپ، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىدىكى مۇستەھكەم يېتەكچى بوپتۇ، يەرلىك سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ فۇنكسىيەسىنى ياخشى ئادا قىلىشىغىمۇ كۈچلۈك يېتەكچى بولالايدۇ، دوكلاتنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتىمىز.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دېدى: رەئىس يۈ جېڭشېڭنىڭ دوكلاتىنىڭ سىياسىيلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭدا سىياسىي كېڭەشنىڭ خاراكتېرى ۋە ئورنى ئىگىلىنىپتۇ، مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش پىرىنسىپى سىڭدۈرۈلۈپتۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپتۇ، دوكلاتتا كۈچلۈك سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەك بولۇش ئېڭى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ. دوكلات ئەمەلىي بولۇپ، خىزمەتلەرنىڭ يەكۈنلىنىشى ئۆزگىچە بوپتۇ، يارقىن نۇقتىلار ناھايىتى كۆپ، ئاساسى كۈچلۈك بوپتۇ. بۇ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بۇلتۇر زور مىقداردا ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا بارغانسېرى مۇھىم رول ئويناپ، يەرلىك سىياسىي كېڭەشلەرگە ناھايىتى ياخشى ئۈلگە ۋە يېتەكچى بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. دوكلاتتا 2016 - يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا يېڭى تەلەپ، يېڭى قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، پىكىر يولى ئېنىق، مۇھىم نۇقتىلار گەۋدىلەندۈرۈلگەن، ئىدىيەۋىلىكى، يېتەكچىلىكى، مەشغۇلاتچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى قانداق ئىشلەشنىڭ نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپتۇ.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دېدى: بىز بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن»نىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن خىزمەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇساپىسىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىمىز. سىياسىي كېڭەشنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىش تۈزۈمى، بولۇپمۇ كېڭىشىش − دېموكراتىيە قۇرۇلۇشى نەزەرىيە تەتقىقاتىنى، دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىمىز، ھەمدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش قاتلىمىدىن بىرلەشمە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تېخىمۇ ياخشى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە تەشكىللەپ، رايون خاراكتېرلىك زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىمىز.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزاسى ماۋكەن سىيىتقامزا مۇنداق دېدى: رەئىس يۈ جېڭشېڭنىڭ دوكلاتىدا سىياسىي كېڭەشنىڭ بۇلتۇرقى بىر يىللىق خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت نىشانى ۋە كونكرېت يولغا قويۇش يوللىرى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدۇق.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزاسى ئەنۋەر ئىمىن مۇنداق دېدى: رەئىس يۈ جېڭشېڭنىڭ دوكلاتىدىن ناھايىتى ئىلھاملاندىم، مەن پارتكومنىڭ تەدبىرلىرىنى تولۇق ئىگىلەپ، ئۆز كەسپىم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەلرايى ۋە ئاممىنىڭ ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ياخشى تەكلىپلەرنى كۆپرەك بېرىپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىمەن.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا قاراپ چىققاندا، دوكلاتنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، بۇ يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر سالدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزاسى خۇا شىفېي مۇنداق دېدى: سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى، 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلاننى چۆرىدەپ، بۇ يىللىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، نىشان ئېنىق، بولۇپمۇ يېڭى ۋەزىيەتتە سىياسىي كېڭەشنىڭ بىرلىك سەپنىڭ رولىنى قانداق ياخشى جارى قىلدۇرۇشى توغرىسىدىكى مەزمۇن ناھايىتى جانلىق، تەسىرلىك، ئىدىيەۋىلىكى، نەزەرىيەۋىلىكى ۋە يېتەكچىلىكى ناھايىتى كۈچلۈك بوپتۇ. ئىقتىسادنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىدە ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر