باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئاڭلىغانمۇسىز

مىترودىكى تىلەمچىنىڭ ئايلىق تاپاۋىتى 10 مىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئىككى يۈرۈش ئۆيى بار ئىكەن(2)

2014.04.23 09:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مېتىرولاردا تىلەمچىلىك قىلىدىغان بۇ تىلەمچىلەرنىڭ ‹قارىغۇ› لىرىنىڭ كۆزى ساق، ‹ئاقساق-چولاق›لىرىنىڭ تېنى بېجىرىم بولۇپ، نەنجىڭ مېتىروسىدا تىلەمچىلىك قىلىدىغان بۇ تىلەمچىلەرنىڭ غەلىتە ئىشلىرى ئاللىقاچان توردا پاش قىلىنغانىدى. نەنجىڭ مېتىروسىدىكى تىلەمچىلەر ئىچىدە توردا ئەڭ كۆپ ئاشكارىلانغىنى بولسا بىر ئەر تىلەمچى بولۇپ، بۇ تىلەمچى ئادەتتە مېتىرودا تىلەمچىلىك قىلغاندا ئۆزىنى ناگاھ كۆرسىتىپ، پۇتىنىڭ ئورنىغا قولىنى ئىشلىتىپ ‹ يول ماڭىدىكەن›، ئۇنىڭ يەنە بىر قولىدا بولسا پۇل يىغىدىغان قۇتىسى بار بولۇپ، ئۇ بىر تەرەپتىن ئالدىغا سۈرۈلگەچ يەنە بىر تەرەپتىن قولىدىكى قۇتىسىغا سېلىنغان تەڭگە پۇللارنى شاراقشىتىپ تىلەمچىلىك قىلىدىكەن. لېكىن ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغىنى شۇكى، ناۋادا مېتىرودا باشقۇرغۇچىلارنى ئۇچرىتىپلا قالسا، بۇ ‹ناگاھ› نىڭ پۇت قولىغا قايتا جان كىرىپ،‹ ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ› كۆزدىن غايىب بولۇپ كېتىدىكەن.

  تۈنۈگۈن نەنجىڭ شەھەرلىك مېتىرو ئاسراش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇل خادىمى تونۇشتۇرۇپ، بۇ ئەر تىلەمچىنىڭ فامىلىسىنىڭ ياۋ ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ مېتىرودا تىلەمچىلىك قىلىپ تاپىدىغان كۈندىلىك تاپاۋىتىنىڭ 500 يۈەندىن ئاز بولمايدىغانلىقىنى، ھەتتا بەزىدە كۈنلۈك تاپاۋىتىنىڭ 1000 يۈەندىنمۇ ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. نەنجىڭ مېتىرو ئاسراش ئىشخانىسىنىڭ مېتىرو ئامانلىقىنى ساقلاش ۋە باشقۇرۇش خىزمەت ئەترىتىدىكى خادىملار بۇ تىلەمچىگە ئاللىقانچە يۈز قېتىمدىن ئارتۇق جەرىمانە قويغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تىلەمچى باشتىن ئاخىر ‹كەسپىنى تاشلىمىغان› ئىكەن. ‹ بىز ئاللىقاچان بۇ تىلەمچى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، بۇ تىلەمچىنىڭ ئۆيدىكىلىرى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئۆز ئۆيىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ نەنجىڭ شەھىرىدە 2 يۈرۈش بىنا ئۆيى بار ئىكەن، بۇ تىلەمچى ناگاھ بولماستىن بەلكى پۇتى ئازراق ئاقسايدىكەن خالاس. ›.

  ئاخىرىدا بۇ مەسئۇل خادىم نەنجىڭ شەھىرىدىكى ئاھالىلەرنى ئەسكەرتىپ،‹ شەھەر پۇقرالىرى ئادەتتە ياخشى كۆڭلى بىلەن بۇ تىلەمچىلەرگە ياردەم قىلىشنى ئويلاپ سەدىقە بېرىدۇ، لېكىن شەھەر پۇقرالىرى بۇ تىلەمچىلەرگە باشقا يول ۋە باشقا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ياردەم قىلسا بولىدۇ، بىز ھەرگىزمۇ بۇ خىل ھۇرۇن ، تەييار تاپ تىلەمچىلەرگە مېتىرودا ‹تاپاۋەت قىلىش› پۇرسىتى يارىتىپ بەرمەسلىكىمىز لازىم› دېگەن.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر