مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاز ساندىكى غەرب سىياسەتۋازلىرىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان گەپلىرى پاكىت ئالدىدا ئۆزلۈكىدىن بىتچىت بولىدۇ

−− پاكىستان كېڭەش پالاتاسى دىپلوماتىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مۇساھىد ھۈسەيىننى زىيارەت

2021.02.08 19:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پاكىستان كېڭەش پالاتاسى دىپلوماتىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مۇساھىد ھۈسەيىن يېقىندا ئىسلامئابادتا مەخسۇس زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا: جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ سىجىل ئېشىشى قاتارلىق ئاساسىي پاكىتلار ئالدىدا، ئاز ساندىكى غەرب سىياسەتۋازلىرى سىياسىي مەقسەتنى چىقىش قىلىپ ئويدۇرۇپ چىقارغان شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان گەپلەر ئۆزلۈكىدىن بەربات بولىدۇ، دېدى.

  ئۆتكەن 20 يىلدا ھۈسەيىن شىنجاڭغا 20 نەچچە قېتىم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى، ئۇ يەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، دىنىي سورۇنى ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىي كۈچى ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ھۈسەيىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى ئىزچىل ئېشىپ، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋاتىدۇ.

  «مەن قەشقەر ۋىلايىتىدىكى مەسچىتكە، يەنە ئۈرۈمچىدىكى چوڭ بازارغا بارغان. بىز شىنجاڭدىكى ئوخشىمىغان مىللەت ئاممىسى بىلەن ئۇسسۇل ئوينىدۇق، ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە خەنزۇ، قازاق ۋە قىرغىزلارمۇ بار، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى بەختلىك.» ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇل ئەسلىھەلىرى بارغانسېرى ياخشىلاندى، ئېگىز بىنالار بارغانسېرى كۆپەيدى.

  ھۈسەيىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ − يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم ھالقا، ئۇ يەر ئىنتايىن كۆپ مەنبەلىك، تەرەققىياتى تېز. «مەن ئۇ يەردە ھاياتىي كۈچنى ھېس قىلدىم. مائارىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى، ئۇلار تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلماقتا.»

  ھۈسەيىننىڭ دىققەت قىلىشىچە، جۇڭگو دۆلەت ئىچىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى كونترول قىلدى، شىنجاڭمۇ 2020-يىلى ئىقتىسادنىڭ قالتىس ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ھۈسەيىن مۇنداق كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىئو قاتارلىق ئاز ساندىكى غەرب سىياسەتۋازلىرى سىياسىي مۇددىئانى چىقىش قىلىپ، ئاتالمىش جۇڭگو شىنجاڭدا «ئىرقىي يوقىتىش»نى يولغا قويدى، قاتارلىق يالغانچىلىقلارنى ئويدۇرۇپ چىقتى، بۇنداق قىلىشى ساختا ئۇچۇر تارقىتىش ئارقىلىق جۇڭگوغا ھۇجۇم قىلىپ، ئامېرىكىدا ئاتالمىش سىياسىي كاپىتال ئۈندۈرۈۋېلىشنى مەقسەت قىلغان.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بەزى غەرب سىياسەتۋازلىرى «جۇڭگونى يېڭى دۈشمەن دەپ قاراپ، يالغان خەۋەر ئېلان قىلىش، يالغان گەپ توقۇش قاتارلىق مۇمكىن بولغان بارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق جۇڭگونى ئېزىتقۇلاشتۇرۇش، پارچىلاش، قالايمىقانلاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى».

  ھۈسەيىن يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھەم جۇڭگونى ھاقارەتلەش − خەتەرلىك تەپەككۇر، ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرمۇ بۇ خىل تەپەككۇرغا قارشى تۇرىدۇ، چۈنكى بۇ خىل تەپەككۇر پۈتۈن دۇنياغا مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنى قوشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ