مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ ياۋروپا كارخانىچىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سىن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

2021.02.07 19:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 2-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭنەنخەينىڭ زىگۇاڭ راۋىقىدا ياۋروپا كارخانىچىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سىن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ جۇڭگونىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ۋە تەرەققىيات كەلگۈسىنى تونۇشتۇردى ھەم جۇڭگونىڭ بازار ۋە ئىستېمالى، جۇڭگو-ياۋروپا سودىسى، سېلىنما ھەمكارلىقى، جۇڭگونىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا قارشى تۇرۇش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان قارالمىلارنى چۆرىدەپ، يىغىنغا قاتناشقان كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ سابىق سودا ئەزاسى، ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى مەندېلسون رىياسەتچىلىك قىلدى، ۋولۋو، ئايروبوس، داۋكو، ئاسچرازېنېكا، ئورېئال، باسف، ساپ قاتارلىق 30غا يېقىن ياۋروپادىكى داڭلىق كارخانىلارنىڭ مەسئۇلى قاتناشتى.

  جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالغاندا، لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چوڭقۇر چېكىنىش زەربىسى ئالدىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىرادىنى ساقلاپ، ئۈنۈملۈك بولغان مىكرو سىياسەتنى ۋاقتىدا، كەسكىن قوللىنىپ، مۇۋاپىق بەدەل ئارقىلىق بىرقەدەر ياخشى نەتىجە-ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، جۇڭگو ئىقتىسادى مۇقىم ئەسلىگە كېلىشنى تېز ئىشقا ئاشۇردى، پۈتۈن يىللىق ئېشىش نىسبىتى %2.3 بولدى. بىر تەرەپتىن، بىز بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، مەركەزدىن يەرلىككىچە كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا قاراتمىلىق ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسلىقى باسقۇچلۇق، كەڭ كۆلەملىك باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق چارىلەرنى قوللىنىپ، بازار سۇبيېكتلىرى، بولۇپمۇ ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ كەڭ زەربىگە ئۇچرىغان ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، بۇلتۇر تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ 2 تىرىليون 500 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق بېجىنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلەتتۇق. يەنە بىر تەرەپتىن، بىز تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كارخانىلارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى ئىخچاملاپ، ھەممىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى بىلەن تەمىنلىدۇق. بۇلتۇرنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلدا، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ سانى تېز ئېشىپ، ئومۇمىي سانى 130 مىليونغا يەتتى. يېڭىدىن كۆپەيگەن بازار سۇبيېكتلىرى بىر قەدەر جانلىق ھالەتنى ساقلاپ، يېقىنقى يىللاردا يېڭىدىن كۆپەيگەن بازار سۇبيېكتلىرى بۇلتۇر يېڭىدىن كۆپەيگەن 2 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن باج تاپشۇردى. مىليونلىغان بازار سۇبيېكتىنى مۇقىملاشتۇرغاچقا، ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇقىملاشتى، خەلق تۇرمۇشى كاپالەتلەندۈرۈلدى، بۇ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي ھالىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ئاساسىي خاراكتېرلىك رولىنى جارى قىلدۇردى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىقتىسادى دۇنيا ئىقتىسادىغا چوڭقۇر سىڭىپ كىردى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى مۇقەررەر يولى. جۇڭگو ئېچىۋېتىش داۋامىدا تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، ئېچىۋېتىش داۋامىدا ئۆز تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ. بىز سىرتقا ئېچىۋېتىش مەقسىتىمىزدە چىڭ تۇرۇپ، سودا، سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىمىز. ھەرقايسى تەرەپلەر بىر-بىرىگە قاراپ ئىلگىرىلەپ، كۆپ تەرەپچىللىك قاتارلىق خەلقئارا ئورتاق تونۇشنى ئورتاق قوغداپ، قائىدىنى ئاساس قىلىدىغان كۆپ تەرەپ سودا تۈزۈلمىسى ۋە ئادىل رىقابەتلىشىش پىرىنسىپىغا ئورتاق ئەمەل قىلىشى كېرەك. جۇڭگو-ياۋروپا ئىككى تەرەپ يېقىندا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقى جۇڭگو-ياۋروپانىڭ خەلقئارا قائىدىنى قوغداشتىكى ئورتاق تىرىشچانلىقى ۋە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى پەللىگە ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولۇشتىكى ئورتاق ئارزۇسىنى نامايان قىلدى.

  ۋاكسىنا ھەمكارلىقى توغرىسىدا، لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋاكسىنا يەر شارىنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى ئەڭ ئاخىرقى قورالى، يەر شارىنىڭ ئاممىۋى مەھسۇلاتى، خەلقئارا جەمئىيەت ۋاكسىنىنىڭ خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ياۋروپا تېببىي دورا كارخانىسى قاتارلىقلار جۇڭگو كارخانىسى بىلەن ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش ھەمكارلىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قانات يايدۇرۇپ، يەر شارى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىق بەخت-سائادىتىنى قوغداشتا ئىنتايىن مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بولغان ۋاكسىنا ۋە دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدايدۇ.

  كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا، لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىنسانلارنىڭ پەقەت بىرلا يەر شارى ماكانى بار، خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق تىرىشىپ، بۇلغىما چىقىرىشنى ۋە بۇلغىمىنى ئازايتىشى كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭ يېقىندا جۇڭگونىڭ 2030-يىلىدىن بۇرۇن كاربون تۆت ئوكسىد قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈپ، 2060-يىلىدىن بۇرۇن كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ لۇشيەن خەرىتىسى تۈزۈۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى. جۇڭگو ياسىمىچىلىق چوڭ دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھازىر بار بولغان ساقلانما بايلىقتىن پايدىلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنىڭ تۆۋەن كاربونغا قاراپ تىپىنى ئۆزگەرتىشى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل بولۇپ تىپىنى ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو-ياۋروپا يېشىل تەرەققىيات، رەقەملىك ئىقتىساد ۋە ئەقلىي ياسىمىچىلىق ھەمكارلىقىنىڭ كەلگۈسى پارلاق، ياۋروپانىڭ پاكىز ئېنېرگىيە تېخنىكىسى قاتارلىق جەھەتلەردە جۇڭگوغا بولغان ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو ياۋروپا بىلەن بولغان ئالاقىدار ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  مەندېلسون قاتارلىق يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە-ئۈنۈمىنى ئالقىشلاپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقۇم كۆپ تەرەپچىللىك ۋە يەر شارىۋى ھەمكارلىقنىڭ ئىنتايىن مۇقىملىقىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈردى، كۈچلۈك بولغان ياۋروپا-جۇڭگو شېرىكلىك مۇناسىۋىتى خەلقئارا جەمئىيەتنى يەر شارىۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشقا يېتەكلەيدۇ. ياۋروپا- جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملىشى ناھايىتى پايدىلىق بولۇپ، ياۋروپا كارخانا ساھەسىدىكىلەر تەستىقلاش ۋە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈتۈپ، جۇڭگو بىلەن يېشىل تەرەققىيات، رەقەملىك تىپنى ئۆزگەرتىش، پۇل مۇئامىلە مەبلەغ سېلىش، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق ھەمكارلىقلارنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىقتىسادىنىڭ سىجىل گۈللىنىشى جۇڭگودا مەبلەغ سېلىۋاتقان ياۋروپا كارخانىلىرىغا ئۇزاققىچە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ، ياۋروپا كارخانا ساھەسى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا ئىشەنچكە تولدى، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە داۋاملىق كۈچ قوشىدۇ.

  دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ