مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ ئەنگلىيە 48 گۇرۇھ كۇلۇبىدىكى «مۇز يارغۇچىلار»نىڭ چاغاننى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە تەبرىك سۆزى قىلدى

2021.02.05 19:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەنگلىيە 48 گۇرۇھ كۇلۇبىدىكى «مۇز يارغۇچىلار»نىڭ 2021ـ يىللىق چاغاننى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ۋىدېئولۇق سۆز قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 68 يىل ئىلگىرى، جېك پېررى ئەپەندى ۋەكىللىكىدىكى ئەنگلىيە سودا-سانائەت ساھەسىدىكى بىلىملىك ئەربابلار ئەينى چاغدا باشلامچى بولۇپ، جۇڭگو-ئەنگلىيە سودىسىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقان، شۇنداقلا ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ئالاقىسى ئۈچۈن قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق قالدۇرغان. بىزنىڭ «مۇز يارغۇچىلار» روھىنى ئەسلىشىمىز ھەم تارىخنى ئەسلەش جەريانىدا ھازىرقى زاماندىكىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇش، ھەم كەلگۈسىگە نەزەر سېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. «مۇز يارغۇچىلار» روھىغا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ، دوستلۇق ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمىگەندە، ئېرىتكىلى بولمايدىغان مۇز، يوقاتقىلى بولمايدىغان ئارازلىق بولمايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2020-يىلى جۇڭگو-ئەنگلىيە ۋە پۈتكۈل دۇنياغا نىسبەتەن ئالاھىدە بىر يىل بولدى. جۇڭگو جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادنى %2.3 ئاشۇردى، بۇ تەستە قولغا كەلدى. نۆۋەتتە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئېلىپ كەلگەن خىرىس يەنىلا كەسكىن، دۇنيا ئىقتىسادى يەنە نۇرغۇن ئېنىقسىز، مۇقىمسىز ئامىللارغا دۇچ كەلمەكتە. يېڭى بىر يىلدا، جۇڭگو ماكرولۇق سىياسەتنىڭ سىجىللىقى، مۇقىملىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ساقلاپ، ئىلمىي، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىي رامكىسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە جۇڭگونىڭ ياۋروپادىكى مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى، جۇڭگو ئەنگلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاۋۋالقىدەكلا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ھەمكارلىق يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىقنىڭ ئاكتىپ تەرىپىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو- ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو ئەنگلىيە ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە ئېشىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.

  ئەنگلىيە 48 گۇرۇھ كۇلۇبى 2009ـ يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى «مۇز يارغۇچىلار» چاغانلىق كەچلىك زىياپىتى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئەربابلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى ۋە سۆزلىشىشىگە سەھنە ھازىرلاپ بەردى. بۇ يىل بۇ كۇلۇب تۇنجى قېتىم توردا چاغاننى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، ئەنگلىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى دوست ئەربابلاردىن 1000 دىن ئارتۇق كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ