مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رەھبەر ئۈچۈن «بىھۇدە غەم»نى ئاز يەپ، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشنى كۆپرەك قىلىش لازىم

−− ئاساسىي قاتلام خىزمەت ئىستىلى توغرىسىدا (2)

2021.02.08 19:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئاساسىي قاتلامدا زىيارەتتە بولغاندا، دائىم مۇنداق غەلىتە ئىشقا دۇچ كېلىمىز: خىزمەتتە يېڭىلىق يارىتىلغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، شۇنداقلا ئەمەلىي مەسىلىلەر ھەل قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن كونكرېت ئەھۋاللارنى كۆپرەك ئىگىلىمەكچى بولغاندا، زىيارەت ئوبيېكتلىرى دۇدۇقلاپ، گەپنى ئېنىق قىلالمايدۇ. قايتا-قايتا سورىساق، ئاندىن: رەھبەرلەرنىڭ رازى بولماسلىقىدىن قورقىمىز، دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

  رەھبەرلەر نېمىشقا رازى بولمايدۇ؟ بەزىلەر، كۆپ سۆزلەپ قويۇپ، رەھبەرلەرنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىش پۇرسىتىنى تارتىۋېلىشتىن ئەنسىرەيدۇ؛ بەزىلەر، ئاز دەپ قويۇپ، رەھبەرلىكنىڭ نەتىجىسىنى كۆمۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەيدۇ؛ بەزىلەر خاتا سۆزلەپ قويۇپ، رەھبەرلەرنىڭ خاتا چۈشىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ؛ بەزىلەر ئاشۇرۇپ دەپ قويسا، رەھبەرلەرنىڭ ئارتۇق خىزمەتكە بۇيرۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ. نەتىجىلەرنى سۆزلىگەندە مۇشۇنداق روھىي ھالەتتە بولغان يەردە، ئاممىنىڭ جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان باش قېتىنچىلىقى ئالدىدا، بەزى كادىرلار تېخىمۇ توخۇ يۈرەكلىك قىلىپ، ئالدى-كەينىگە قاراپ ئىش قىلىدۇ.

  ئەمەلىيەتتە، ئاممىنىڭ ئىشىنى ياخشى ھەل قىلسىلا، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرسىلا، نۇرغۇن رەھبەرلەرنىڭ بۇنداق «تەپسىلات»لارغا كۆڭۈل بۆلۈشى ناتايىن. لېكىن ئايرىم كادىرلار زېھنىنى قارىغۇلارچە ئويلىنىشقا سەرپ قىلىدۇ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئامال قىلىپ ئاممىنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش ئەمەس، بەلكى رەھبەرلەرگە ئىش تېپىپ بەرمەسلىك ئۈچۈن باش قاتۇرىدۇ. بۇ كادىرلار ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىدىن ئەمەس، بەلكى رەھبەرلىكنىڭ قىزىقىشىنى خىزمىتىنىڭ چىقىش نۇقتىسى قىلىدۇ؛ جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئەمەس، بەلكى قاتتىق باش قاتۇرۇپ، رەھبەرلەرنىڭ ئوي-پىكرىنى بىلىشنى ئويلايدۇ.

  كادىرلاردا نېمىشقا بۇنداق روھىي ھالەت بولىدۇ؟ ئۆز سەۋەبىدىن قارىغاندا، كۆرۈنۈشتە رەھبەرنىڭ ئورنىدا «بىھۇدە غەم» يېگەندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆزى ئۈچۈن پىلان تۈزگەن بولىدۇ. چۈنكى بەزىلەرنىڭ ئويلىشىدا، خىزمەتنى ياخشى ئىشلىسە، نەتىجىسى رەھبەرلەرگە ھېساب؛ ئەگەر ياخشى قىلالمىسا، ئۆزى جازالىنىدۇ. شۇنداق ئىكەن، بىر ئىش كۆپ بولغاندىن بىر ئىش ئاز بولغان ياخشى، رەھبەرلىك ۋە ئۆزىگە خەۋپ-خەتەر كەلمەيدۇ، ئاممىنىڭ ئىشىغا دەخلى يەتكەن-يەتمىگەنلىكىگە كەلسەك، كۆڭلىدە بىلىپ تۇرۇپ گاس-گاچا بولۇۋالىدۇ. يەنە بەزىلەر خىزمەتنى بەك ئاز قىلىدۇ، خىزمەتتە يۇقىرىنى ئالداپ، تۆۋەندىن يوشۇرۇشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىدىكىلەر ئورۇنلاشتۇرغان ۋەزىپىلەرنى يىغىن ئېچىپ يەتكۈزۈپ، ھۆججەت تارقىتىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدۇ، ئاندىن ماتېرىيال يېزىپ دوكلات قىلىدۇ. بۇ ئۈچ قەدەمنى مېڭىپ بولغاندىن كېيىن، ئىش پۈتكەن بولىدۇ. خىزمەت دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتىمۇ-يوق؟ مەسىلە ھەل بولدىمۇ-يوق؟ رەھبەرلەر سۈرۈشتۈرمىسىلا، ئاممىنىڭ كانىيى يىرتىلغۇچە توۋلىشى بىلەن كارى يوق.

  مەنبەدىن قارىغاندا، «يۇقىرىدىكىلەر نېمىنى ياخشى كۆرسە، تۆۋەندىكىلەر ئاشۇرۇپ ياخشى كۆرۈش»تەك بىمەنە سەپسەتىلەر رول ئوينايدۇ. كادىرلاردا مۇشۇنداق روھىي ھالەت بولۇشىدا، مەسىلە ئايرىم رەھبەرلەردە كۆرۈلگەن بولىدۇ. بەزى رەھبەرلەر چوڭ ئىش قىلىپ ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئامراق بولسا، بەزى كادىرلار خۇشامەتچىلىك قىلىپ رەقەملىك نەتىجە، ئوبراز قۇرۇلۇشى قىلىشقا بېرىلىپ كېتىدۇ؛ بەزى رەھبەرلەردە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش كەمچىل بولسا، بەزى كادىرلار ئۇلارغا يېقىندىن ئەگىشىپ، خىزمەتنى ئىتتىرگۈدەك بولسا ئىتتىرىپ، سۆرىگۈدەك بولسا سۆرەيدۇ؛ بەزى رەھبەرلەر ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويمىسا، بەزى كادىرلار ئۇنىڭ رايىغا بېقىپ بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشنى كىچىك ئىش دەپ قاراپ، «تۆت ئىستىل» مەسىلىسىنىڭ پات-پات يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ بەزى رەھبەرلەر «خاتىرجەم ئەمەلدار» بولۇشقا كۆنۈپ قالسا، بەزى كادىرلار «پىرىنسىپسىز ياراشتۇرغۇچى» بولۇپ، ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالمايدۇ، خىزمەتتىكى مەسىلىلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالىدۇ.

  مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش − رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئەمەلدار بولۇشتىكى يولى، ئەمەل تۇتۇشىنىڭ ئاساسىدۇر؛ ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، ئەمەلىي نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىشمۇ پارتىيەمىزنىڭ ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدۇر. زېھنىنى توغرا ئىشقا قاراتمىغان كادىرلارغا شۇنداق نەسىھەت قىلىمىزكى، رەھبەر ئۈچۈن «بىھۇدە غەم»نى ئاز يەپ، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشنى كۆپرەك قىلىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ