مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ 34-نۆۋەتلىك ئافرىقا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2021.02.07 19:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 6-كۈنى 34-نۆۋەتلىك ئافرىقا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، شى جىنپىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە خەلقىنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، تەرەققىي قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى تىلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2020-يىلى جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىدىكى ئىنتايىن ئۇنتۇلغۇسىز بىر يىل بولدى. جۇڭگو-ئافرىقا ئىككى تەرەپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا ئۆزئارا قوللاپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى، جۇڭگو-ئافرىقا ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقى سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، ئىككى تەرەپ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداپ، پۈتۈن دۇنياغا جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى. بۇ يىل، يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى يىغىنىنىڭ سىنگالدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بەلگىلەندى. جۇڭگو ئافرىقا بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇنبەرنىڭ بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-ئافرىقا «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇر، ئەمەلىي بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن توختىماي تىرىشىپ، جۇڭگو-ئافرىقا خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ