شى جىنپىڭ چاغان ھارپىسىدا ھاۋا ئارمىيە ئاۋىياتسىيە قىسىمى مەلۇم شىسىنى كۆزدىن كەچۈردى

خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بارلىق كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى مۈلكىي خادىملار، خەلق ئەسكەرلىرى، زاپاس خادىملارغا چاغانلىق بەخت تىلىدى

2021.02.07 19:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4-چېسلا ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسىمى مەلۇم شىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، قىسىمدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى يوقلىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن بارلىق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، ئارمىيەنىڭ مۈلكىي خادىملىرى، خەلق ئەسكەرلىرى زاپاس خادىملىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا چاغانلىق بەخت تىلىدى.

  باش باھاردا، گۇيجوۋنىڭ تاغ-دەريالىرى ياپيېشىل، سۇلىرى سۈپسۈزۈك ئىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 ىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسىمى مەلۇم شىسىغا كېلىپ، ئالدى بىلەن مەيدان-ۋوگزال دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، قىسىمنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە يەرلىكنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا ياردەم بېرىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئارمىيەمىز پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، بۇيرۇقنى ئاڭلاپ ھەرىكەتكە كېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كۈرىشىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى. نۆۋەتتە، چەت ئەلنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى يەنىلا ئېغىر، بولۇپمۇ چاغان مەزگىلىدە خادىملارنىڭ يۆتكىلىشى ۋە توپلىنىشى كۆپىيىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپ-خەتىرى ئاشتى. قىسىمدىكى دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، يەرلىكنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئايرودۇرۇمدا شىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى ۋە ئاساسىي ئۇرۇش جابدۇقلىرى ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. مەلۇم تىپتىكى ئالاھىدە ئايروپىلان ھاۋادا ئۇچۇر ئۇرۇشى قىلىشتىكى مۇھىم جابدۇق بولۇپ، شى جىنپىڭ بۇ ئايروپىلانغا چىقىپ، ۋەزىپە بۆلۈمچىسىگە كىرىپ ۋەزىپە سىستېمىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئالاھىدە ئايروپىلاننىڭ خىزمەت تەرتىپى ۋە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىرقى زامان ئۇرۇشىدا، ئۇچۇر ھوقۇقىنى تىزگىنلەش ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ قالدى. ئىلغار جابدۇقلارنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسپىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، قاراتمىلىق، قارشىلىشىش خاراكتېرلىك مەشىقنى كۈچەيتىپ، يېڭى سۈپەتلىك جەڭگىۋارلىقنىڭ تېز ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇشىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلۈپ، مەخسۇس مەلۇم ئۇچۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ ئايروپىلان مۇلازىمەت بىناسىغا بېرىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇچۇش تەييارلىق ئىشخانىسىدا، چوڭ ئەترەت يېڭى ئۇچقۇچىلارنى ئۇچۇش تېخنىكىسى تەتقىقاتىغا تەشكىللەۋاتقان ئىدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ كۆپچىلىك ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ، رەئىس شى جىنپىڭغا سالام بېرىپ، مەشىق ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قىسىم ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەربىي مەشىقنى ياخشى تۇتۇش ئىنتايىن مۇھىم. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ھەربىي مەشىق يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۇرۇش تىپىدىكى ھەربىي مەشىقنى چىڭ تۇتۇپ، مەشىق سەۋىيەسى ۋە غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ئايروپىلان مۇلازىمەت بىناسى كارىدورىغا كېلىپ، چاغاندىن بۇرۇنقى ئالاقىدار مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەت ئەسلىھەلىرىنىڭ تەييارلىق ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، قىسىمنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە بايراملىق تۇرمۇشقا ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلىشىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ قىسىمنىڭ مىكرو سىندا ئالدىنقى سەپكە بېرىش، چاغانلىق مەسنەۋى يەتكۈزۈش، توپ مۇسابىقىسى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى قىزىقارلىق پائالىيەتلەرنى تەييارلىغانلىقىنى بىلىپ، پائالىيەتنىڭ ئەسكەر پۇرىقىغا، ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغانلىقىنى ماختىدى، ھەر دەرىجىلىكلەردىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايراملىق ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ قىسىمدا چاغاننى ياخشى ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تاپىلىدى.

  قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ پۈتۈن شىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ۋەكىللىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل پارتىيەمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، «14-بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، ھەربىي مەشىق، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا قىسىم قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاغان مەزگىلىدە، پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار ئۇرۇش تەييارلىقى نۆۋەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك. دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئالدىنقى شەرتىدە، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ بايرام مەزگىلىدىكى تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنى چاغاننى خۇشال-خۇرام، بىخەتەر ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  جاڭ يوۋشيا قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ