مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى تىممېرمانس بىلەن تۇنجى قېتىم جۇڭگو-ياۋروپا مۇھىت ۋە كىلىمات يۇقىرى قاتلام سۆزلىشىشى ئۆتكۈزدى

2021.02.03 20:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ 2-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدا ۋىدىيو ئارقىلىق، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى تىممېرمانس بىلەن تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا مۇھىت ۋە كىلىمات يۇقىرى قاتلام سۆزلىشىشى ئۆتكۈزدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ 2030-يىلىدىن بۇرۇن كاربون قويۇپ بېرىش چوققا قىممىتىنى تۆۋەنلىتىش، 2060-يىلىدىن بۇرۇن كاربون نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ، جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئاساسىدىكى مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ ئىچكى تەلىپى، ئۆزىنىڭ كىلىمات، مۇھىت سىياسىتىگە قارىتا چىقارغان مۇھىم باياناتى. ۋەدىسىدىكى نىشانغا ئۆز قەرەلىدە يېتىش ئۈچۈن، جۇڭگو ئىنتايىن جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش ۋە تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

  خەن جېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2020-يىلى 9-ئايدا، جۇڭگو-گېرمانىيە-ياۋروپا رەھبەرلىرى ۋىدېيولۇق ئۇچرىشىپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇھىت ۋە كىلىمات يۇقىرى قاتلام سۆزلىشىشى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو-ياۋروپا يېشىل ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى قارار قىلدى. بىز رەھبەرلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلام سۆزلىشىشىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇھىت ۋە كىلىمات ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېشىل ھەمكارلىقنى جۇڭگو-ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسى، يېڭى موتورىغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان خەلقئارا سىستېمىنى قوغداپ، ئورتاق، ئەمما پەرقلىق مەسئۇل بولۇش پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئادىل، مۇۋاپىق، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان دۇنيا مۇھىتىنى تۈزەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» نىڭ 15-قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزگۈچى تەرەپلەر يىغىنى جۇڭگونىڭ كۇنمىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، يىغىندا ئىجابىي نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيادىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى تەرتىپكە سېلىش يېڭى مۇساپىسىنى ئورتاق باشلاپ، يەر شارى ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  تىممېرمانس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا جۇڭگونىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە قوللانغان ئىجابىي مەيدانىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدۇ، ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ مۇھىت ۋە كىلىمات ساھەسىدىكى سۆزلىشىش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ، جۇڭگونىڭ «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى»نىڭ 15-قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزگۈچى تەرەپلەر يىغىنىنى ياخشى ئېچىشىنى قوللايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ