مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ 3-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

«تۆتتە ئەڭ قاتتىق بولۇش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى يۇقىرى سەۋىيەدە تۈزەشكە تۈرتكە بولۇش لازىم

2021.02.05 19:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خەن جېڭ 3-فېۋرال دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدە گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ 3-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم سۆز قىلدى. يىغىندا پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، 2020-يىللىق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتى خۇلاسىلەندى، ئالاقىدار ھۆججەتلەر قاراپ چىقىلدى، 2021-يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەلق ئاممىسىنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. بۇ يىل «14-بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «تۆتتە ئەڭ قاتتىق بولۇش» تەلىپىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى يۇقىرى سەۋىيەدە تۈزەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى تەجرىبە، ئۇسۇللارنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇقرالار كۆڭۈل بۆلىدىغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. قاتتىق بولۇشنى باشتىن-ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆتتە ئەڭ قاتتىق بولۇش» تەلىپىنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئېتىزدىن تاماق ئۈستىلىگىچە» بولغان ھەربىر مۇداپىئە لىنىيەسىنى ياخشى ئىگىلەپ، يېمەكلىك ساھەسىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئېغىر بىر تەرەپ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى كارخانىنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيىتى ۋە باش مەسئۇلىيىتىگە، كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىگە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئامما قاتناشقان مەسىلىلەرنى بايقاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇكاپاتلىق پاش قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. پەن-تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تېخنىكا ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، زۆرۈر تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئۈسكۈنە-جابدۇقلىرىنى سەپلەش كېرەك. تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىشخانىسى خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەۋەلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشى، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندىن بۇرۇن، خەن جېڭ «خەلق ئاممىسىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى قەتئىي قوغداش» كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە ئەڭ يېڭى تەدبىرلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئىگىلىدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ چۈنخۇا، دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى، سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، تاموژنا باش مەھكىمىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلدى. گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلار ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ