مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىشتا ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ

2021.02.05 19:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى ۋاڭ ئەپەندى 17 توننا ئالمىنى بېسىپ، داگۇاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى سۇڭخۇا ھەق ئېلىش پونكىتىدىن ئۆتكەندە، خىزمەتچى خادىملار ئۇنىڭغا 3570 يۈەن ئاپتوموبىل يول يۈرۈش ھەققى تاپشۇرۇش كېرەكلىكىنى، «سۇ ئۆتمەس يوپۇق بىلەن ئالمىنى ئارىلاشتۇرۇپ قاچىلىغانلىق» تۈپەيلىدىن يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇشتىكى «يېشىل يول»غا ئالاقىدار بەلگىلىمىگە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئىشنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتىغا قارىغاندا، ھەق ئېلىش پونكىتى «ئىنسانىيلىق»نى چىقىش قىلىپ، قاتناش ھەققىنى تولۇق قايتۇرۇپ بەرگەن.

  ۋاڭ ئەپەندىنىڭ ئاپتوموبىلى ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولماسلىقتا، ئاساسلىنىدىغان قانۇن بارمۇ؟ ھەق ئېلىش پونكىتىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئۈچ تارماق بىرلىشىپ بېسىپ تارقاتقان «يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇشتىكى ‹يېشىل يول› سىياسىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا، ئاپتوموبىللاردىن قاتناش ھەققى ئالماسلىق دائىرىسى «يېڭى، تىرىك بولمىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قاچىلاش قاتارلىق قىلمىشلار»نى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن، ئالما بىلەن سۇ ئۆتمەس يوپۇقنى ئارىلاشتۇرۇپ قاچىلاش ئېتىبار بېرىش دائىرىسىدە بولمايدۇ. لېكىن مەسىلە شۇكى، بوران-چاپقۇندىن دالدىلىنىدىغان مۇھىم قورال بولغان سۇ ئۆتمەس يوپۇقنى قەيەرگە قويۇش كېرەك؟ خۇددى ۋاڭ ئەپەندى گاڭگىراپ قالغاندەك، ئەگەر كابىنكىغا قويۇپ قويسا، يولۇچى بىلەن يۈكنى ئارىلاشتۇرۇپ توشۇش دەپ قارىلامدۇ؟

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەق ئېلىش توغرىسىدىكى ئەرز-شىكايەتلەر ئۈزۈلمىدى: يول يۈرۈش ھەققى ئېلىش ئۆلچىمى بىردەك بولماسلىق، قۇتقۇزۇش ھەققى بەك يۇقىرى بولۇش، مۇلازىمەت رايونىدا مال باھاسى يۇقىرى بولۇش... ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھەق ئېلىش __ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ راۋان ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر چوڭ «جاھىل كېسەل» بولۇپ قالدى، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ يولى دەل «ئاساسلىنىدىغان بەلگىلىمە بولۇش»، ھەر بىر ھەقنى ئېنىق كۆرگىلى بولۇشتۇر. سوڭخۇا ھەق ئېلىش پونكىتىدىكى خىزمەتچىلەر قارىماققا «بەلگىلىمە بويىچە ھەق ئېلىۋاتقاندەك» كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە «يېشىل يول» سىياسىتىنى بۇرمىلاپ، «بار بەلگىلىمىگە تايىنالماسلىق»تەك مۈشكۈل ئەھۋال كۆرۈلدى.

  بۇ قېتىمقى ۋەقەدە، سىياسەتنى بۇرمىلاش قارىماققا ھەق ئالغۇچىلارغا ئادىللىق ئاساسى بەرگەندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، «قالايمىقان ئىش قىلىش» ھادىسىسىنى گەۋدىلەندۈردى. «يېشىل يولدىن ئۆتۈش» سىياسىتى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك، ئۇنى خالىغانچە بۇرمىلاشقا، سۈنئىي توساق قۇرۇشقا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ! ھازىر چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلى بولۇپ، «يېشىل يولدىن ئۆتۈش» سىياسىتىنىڭ جايىدا ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش − چاغان مەزگىلىدە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بەزى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ قايتا ئويلىنىدىغان ۋاقتى كەلدى، ئەمدى بۇنداق تەرتىپسىز بىمەنە ئىشلار يۈز بەرمەسلىكى كېرەك!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ