مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تور مائارىپىدىكى غەلىتە ئېلانلارنى تۈزەش زۆرۈر

2021.02.05 19:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بىر مەزگىلدىن بۇيان، دۆلەت ئىچىدىكى قىسقا سىن سۇپىلىرىنىڭ مائارىپ تۈرىدىكى ئېلانلاردا كۆپتۈرمىچىلىك، ساختىلىقلار بارغانسېرى كۈچىيىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاللىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ئاتا-ئانىلارنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالدى.

  ئادەتتە ئېلاننىڭ رولى − ئىستېمالچىلارنى قايىل قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتى ياكى مۇلازىمىتىنى سېتىش مەقسىتىگە يېتىشتىن ئىبارەت. بىراق، قايىل قىلىش ۋاسىتىسىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، چېكىدىن ئاشقان ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشقا بولمايدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بەزى مائارىپ-تەربىيەلەش ئېلانلىرىنىڭ مائارىپ تەشۋىشىنى پەيدا قىلىشى ئېنىقلا مۇۋاپىق ئەمەس، شۇنداقلا ئاسانلا بىزارلىق پەيدا قىلىدۇ.

  ئېلاننىڭ لوگىكىسى ۋە مەزمۇنى غەلىتە بولۇشتىن باشقا، بۇ خىل مائارىپ-تەربىيەلەش ئېلانلىرىدا يەنە بىر مەسىلە بار، ئۇ بولسىمۇ سەمىمىيەتنى يوقىتىش. ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، بەزى مائارىپ-تەربىيەلەش سۇپىلىرى بەس-بەستە ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن باھادا سىناپ دەرس ئاڭلاشنى يولغا قويۇپ، يەنە بىر تەرەپلىمە ھالدا سىناپ ئاڭلاش ئۈنۈمىنى مۇبالىغە قىلىدۇ، ئاتا-ئانىلار پۇل تاپشۇرۇپ سىناپ ئاڭلىغاندىن كېيىن، دائىم قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توردا ۋە تور سىرتىدىكى مائارىپ-تەربىيەلەشنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى، بولۇپمۇ كاپىتالنىڭ قوللىشى بىلەن، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ۋە توردا تەربىيەلەش سۇپىلىرى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك پەيدا بولدى، ئۆزئارا رىقابەتمۇ ئىنتايىن كەسكىن بولدى. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ خىل غەلىتە ئېلانلار دەل كەسىپلەردىكى تەرتىپسىز رىقابەتنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە پۈتكۈل مائارىپ-تەربىيەلەش بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغىمۇ پايدىسىز.

  شۇڭا، ئاتا-ئانىلار كۆزىنى يوغان ئېچىپ، بۇنداق غەلىتە ئېلانلاردىن ھوشيار بولۇشى كېرەك. لېكىن، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى قوغدىشىغىلا تايانغاندا، مەسىلىنى ئېنىقلا ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، يەنىلا قانۇن ۋە تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا تايىنىش كېرەك. بولۇپمۇ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار فۇنكسىيەلىك تارماقلار مائارىپ تۈرىدىكى ئېلانلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قانۇن-نىزام، ئاممىۋى تەرتىپ، ياخشى ئۆرپ-ئادەتكە خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلىدىغان ئېلانلارنى نۇقتىلىق قېلىپلاشتۇرۇشى ۋە جازالىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ