مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇرتىغا قايتقانلارغا «قالايمىقان تەلەپ قويۇش» __ دەل قالايمىقان ئىش قىلغانلىقتۇر

2021.02.05 19:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «يۇرتىغا قايتقان ئاممىغا قالايمىقان تەلەپ قويۇشنىڭ ئۆزى قالايمىقان ئىش قىلغانلىق» − گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى 4-فېۋرال ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئالاقىدار تارماقلار «قاتلاممۇ قاتلام تەلەپ قويۇش» ھادىسىسىنى يەنە بىر قېتىم تەنقىد قىلدى. بەزى جايلاردا، يەنىلا مەجبۇرىي ئايرىۋېتىش، ئائىلىدە ساغلاملىقنى كۆزىتىشتە قالايمىقان پېچەت چاپلاش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت، تۈرلۈك «بىر تاياقتا ھەيدەش» ئۇسۇلى يۇرتىغا قايتقان خادىملارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ ئەيىبلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە ھەم ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇش، ھەم ئىللىقلىقنى يوقاتماسلىق كېرەك. ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش نامى بىلەن ئاددىي، قوپال تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مەسئۇلىيەت ۋە بېسىمنى ئاممىغا ئىتتىرىپ، قاتلاممۇقاتلام «تەلەپ قويۇش » ئەمەلىيەتتە مەسئۇلىيەتتىن قېچىش، ھۇرۇنلۇق قىلىش، مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرگەنلىكتۇر. چاغاننىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، قالايمىقان تەلەپ قويۇش، قالايمىقان ئىش قىلىش ھادىسىلىرىنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ۋاقتىدا تۈزىتىپ، توسالغۇلارنى ئۈزلۈكسىز تۈگىتىپ، يۇرتىغا قايتقان ئاممىنىڭ جەم بولۇش يولىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ