مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2021.02.04 19:59 مەنبە: خەلق تورى

  رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ۋە ئۇنى يولغا قويۇشتىكى دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىندى؛ كارخانىلارنىڭ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ چېكىنىپ چىقىشىغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلدى، يىغىندا رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ۋە ئۇنى يولغا قويۇشتىكى دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىندى؛ كارخانىلارنىڭ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ چېكىنىپ چىقىشىغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش __ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئالاقىدار تارماقلار كېلىشىمنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار تۇتاشتۇرۇش، تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تېزلىتىدۇ. نۆۋەتتە كېلىشىم بويىچە ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈش، مال سودىسىدا تاموژنا بېجىنى كېمەيتىش ۋەدە جەدۋىلىنى ئالماشتۇرۇش لايىھەسى تۈزۈلۈپ بولدى، ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاينىڭ جۇغلاش قائىدىسىنى يولغا قويۇش تېخنىكا تەييارلىقىدا ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش بولدى، كېلىشىمگە مۇناسىۋەتلىك 701 شەرتنامىنىڭ چەكلەش خاراكتېرلىك مەجبۇرىيىتىنىڭ %85نى ئادا قىلىش تەييارلىقى پۈتتى. كېيىنكى قەدەمدە، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

  بىرىنچى، ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاينىڭ جۇغلاش قائىدىسىنى يولغا قويۇشنىڭ تاموژنا بېجى ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولۇش شەرتىنى تۆۋەنلىتىش، رايون ئىچىدىكى سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش رايون كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاينى باشقۇرۇش چارىسى ۋە يولغا قويۇش كۆرسەتمىسىنى تۈزۈپ، ئالاقىدار تېخنىكا تەييارلىقىنى قاراتمىلىق ياخشى ئىشلەپ، كېلىشىمنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇپ يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچى، كېلىشىم يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن مۇھىت ۋە رىقابەت تېخىمۇ تولۇق بولۇش ۋەزىيىتىگە ماسلىشىپ، خەلقئارادىكى ئىلغار كەسىپلەرنىڭ سەۋىيەسىگە توغرىلىنىپ، ئېلىمىز ياسىمىچىلىقىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى، قائىدىسى قاتارلىقلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياسىمىچىلىقنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەھسۇلات سۈپىتى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇلازىمەت كەسپىنى ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى چۆرىدەپ ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈش، قائىدىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق تەييارلىقلارنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. تارماقلارنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، كېلىشىمگە سېلىشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار قانۇن-نىزام، سىياسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاموژنا بېجى ۋەدە جەدۋىلىنى ئالماشتۇرۇش، ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي قائىدىسىنى يولغا قويۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىقلار ھەققىدە كېڭىشىشنى تېز قانات يايدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچى، كېلىشىمنى يولغا قويۇشقا ئالاقىدار تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ كېلىشىم مەزمۇنى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاموژنا بېجىنى كېمەيتىش ئەھۋالىنى پىششىق ئىگىلىشىگە، ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جاي گۇۋاھنامىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش قاتارلىق تەلەپلەرنى پىششىق ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىش. كارخانىلارنى تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، كەسپىي روھ ۋە تېخىمۇ مۇكەممەللىشىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كارخانىلارنىڭ ياخشىلىرىنىڭ تاللىنىشى، ناچارلىرىنىڭ شاللىنىشى بازار ئىگىلىكىدىكى نورمال ھادىسە. سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ۋەيران بولۇشقا تېگىشلىك كارخانىلار، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ چېكىنىپ چىقىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم تەدبىر. بىرىنچىدىن، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى رويخەتتىن ئاددىي ئۆچۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانا قۇرۇشقا قولايلىق يارىتىپ بېرىش بىلەن بىللە، چېكىنىشىگىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىش كېرەك. ئىككىنچى، كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇش ۋە چېكىنىش ھالىتىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ۋەيران بولۇش ۋە چېكىنىش ئۇچۇرلىرىنى كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىغا ۋاقتىدا كىرگۈزۈپ، ئىناۋەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادىل رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ۋەيران بولۇش تەرتىپىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، باشقۇرغۇچىلار تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقۇرغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ھەقدارلار، مەبلەغ سالغۇچىلار قاتارلىقلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، قەرزدىن يامان نىيەتتە قېچىش قىلمىشلىرىغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ