مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭدا بەش يىلدا يېڭىدىن تۆت ئايرودروم قۇرۇلدى

2021.02.03 18:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭدا ھازىر 22 پۇقراۋى ئايرودۇرۇم قۇرۇلدى. ئېچىلىۋاتقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىندىن ئىگىلىنىشىچە، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە شىنجاڭدا يېڭىدىن تۆت تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمى كۆپەيتىلىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمى يادرو، تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇمى تىرەك قىلىنغان «ھاۋادىكى يىپەك يولى» دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە قىلىنغان.

  ئۆتكەن بەش يىلدا، شىنجاڭنىڭ يەكەن ناھىيەسى، چاقىلىق ناھىيەسى، كېرىيە ناھىيەسى، تۇمشۇق شەھىرىگە جايلاشقان تۆت يېڭى ئايرودروم پۈتۈپ ئىشلىتىلگەن، يەنە جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭغا قاراشلىق تۆت ئايرودۇرۇمنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى تاماملانغان، ئۈرۈمچى ئايرودرومىنىڭ يېڭى ئاۋىياتسىيە بىناسى قۇرۇلۇشىمۇ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلغان.

  ھەممە ئادەم بىلىدىغان قۇربان تۇلۇمنىڭ يۇرتى شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسىدىكى ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمى 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈپ، قۇملۇقنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى كېرىيە ناھىيەسى ھەم ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ قاتناش-تىرانسپورت ئەھۋالى ئۈزۈل-كېسىل ياخشىلانغان.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى رۇقىيەم مەتسەيدى قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ ئەۋرىسى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: كېرىيە خەلقى ئۇزاقتىن بۇيان ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ۋەنفاڭ ئايرودۇرۇمى ئېچىلدى، كۆپچىلىكنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئاشتى، «شۇ جايدىكى پۇقرالار ئەمدى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ 200 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ خوتەن شەھىرىگە بېرىپ ئايروپىلانغا ئولتۇرمىسىمۇ بولىدۇ، ھازىر ئىشىك ئالدىدىلا ئايروپىلانغا ئولتۇرسا، بىر سائەت 55 مىنۇتتا ئۈرۈمچىگە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.»

  دۆلەت زېمىنىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قاتناشنىڭ قولايلىق بولۇشى باشتىن-ئاخىر كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى بولۇپ كەلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «14-بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا 15 پۇقراۋى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمى پۈتۈپ ۋە قۇرۇلۇش قىلىنىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە پۇقراۋى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمىنىڭ ئومۇمىي سانى 37 گە يەتكۈزۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ