مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

2021.01.29 20:27 مەنبە: خەلق تورى

  يىغىندا، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە تەتقىق قىلىش توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئەھۋال دوكلاتى»، «ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 6-نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات»، «مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2020-يىللىق نۇقتىلىق خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات» قاراپ چىقىلدى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى يىغىن ئېچىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە تەتقىق قىلىش توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئەھۋال دوكلاتى»، «ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 6-نۆۋەتلىك كۆزىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلات»ى، «مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2020-يىللىق نۇقتىلىق خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات»قا قاراپ چىقتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرى ۋە مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ 2020-يىلىدىكى خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، ئۇلارنىڭ 2021-يىلىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قوشۇلدى. يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: ئۆتكەن بىر يىلدا بۇ بەش پارتگۇرۇپپىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-،3-،4-،5-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىنى چۆرىدەپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشقا پائال تۆھپە قوشۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، پارتگۇرۇپپىلارنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنىڭ ئىچكى قانۇن-نىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىل جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، «14-بەش يىل» باشلىنىدىغان يىل. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەۋقەنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشكە قارىتىپ، قەلبىگە «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى پۈكۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پىلانلىغان ئۇلۇغۋار پىلاننى نىشانلاپ خىزمەتلەرنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، پۇختا قەدەم تاشلاپ، غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جاسارەت بىلەن ياخشى قىلىشى كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى بويىچە پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ياخشى روھىي ھالەت ۋە خىزمەت ھالىتىنى ساقلاشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك تۈزۈملەرنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى پۇختا ئورۇندىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش __ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىشتىكى مۇھىم خىزمەت. جايلار، تارماقلار پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ۋە دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئاپتونومىيە، قانۇنچىللىق، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. دائىملىق باشقۇرۇش ۋە جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇشنى ھەرىكەتچان جىپسىلاشتۇرىدىغان ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، باشقۇرۇش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، ئىنچىكىلەشتۈرۈپ مۇلازىمەت قىلىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇپ تىرەك بولۇش، ئېچىۋېتىپ ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتەك ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئاساسىي قاتلام خىزمەت قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەر-يېزا مەھەللە مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ «14-بەش يىللىق» يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، ئامما غەم قىلىۋاتقان، بىزار بولۇۋاتقان، قايغۇرۇۋاتقان ئىشلارنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى داۋاملىق يېنىكلىتىش كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئومۇمىي بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2020-يىللىق خىزمەتلىرى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ 2021-يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قوشۇلدى. يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى قەتئىي، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كۆزىتىشتىن قارىغاندا، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلىپ، سىياسىي ئېكولوگىيە سىجىل ياخشىلىنىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بەزى مەسىلىلەر ساقلانماقتا. پارتكوم، پارتگۇرۇپپىلار كۆزىتىش-تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، 14-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈپ يولغا قويۇشقا بىرلەشتۈرۈپ كۆزىتىش نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تۈزىتىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ چىڭ تۇتۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى، سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى توغرا ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيەت بېسىمىنى قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈپ، پارتكوم، پارتگۇرۇپپىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى، شۇجىنىڭ بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، كۈندىلىك نازارەتچىلىكنى ئەمەلىي ئىشلەپ، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتتىق ئاساسىي مېلودىيەنى ئۇزاققىچە، ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشى، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كۆزىتىش − پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى، پارتكوم، پارتگۇرۇپپىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىدىكى بىۋاسىتە تۇتقا. كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ سىياسىي ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كۆزىتىش تەلىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى «ئىككىنى قوغداش» تۈپ ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، «14-بەش يىل»دىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئىلگىرى سۈرۈپ، ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتكە قاتتىق دىققەت قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە ھالقىلىق ئاز سانلىقلار، بولۇپمۇ «بىرىنچى قول رەھبەر»لەرنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى دەل جايىدا بايقاپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىش، تەكشۈرۈشتە يۇقىرى-تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش، باشقا نازارەت قىلىش بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆزىتىشنىڭ ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش رولى ۋە ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. قائىدە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى تېخىمۇ دەل، ئىلمىي، تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك قىلىپ، 14-بەش يىلدا ئېلىمىز تەرەققىياتىدا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ