11 يىلدىن كېيىن، بامۇيۈ بۇمۇ بىلەن قايتا كۆرۈشۈش

2021.02.03 19:00 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 1-ئاينىڭ 22-كۈنى، بامۇيۈ بۇمۇ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جوۋ كې فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  2010-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى، مۇخبىرى جوۋ كې جياڭشى نەنچاڭ ۋوگزالى مەيدانىدا مۇنداق بىر پارچە سۈرەتنى تارتتى: بىر ياش ئانىنىڭ دۈمبىسىدىكى غايەت زور يۈك-تاق ئۇنىڭ بېلىنى مۈكچەيتىۋەتكەن ئىدى، قولىدىكى سومكا يەردە سۆرىلىپ قالاي دەپ قالغان ئىدى، لېكىن ئوڭ بىلىكىدىكى بوۋاق پاكىز ھەم ئىللىق ئىدى. بېشىنى كۆتۈرۈپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ياش ئانىنىڭ چىرايى قىپقىزىل، بىر جۈپ چوڭ كۆزى مۇستەھكەم، كۈچلۈك ئىدى.



  شۇ كۈنى «بالام، ئاناڭ سېنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىدۇ» دېگەن بۇ سۈرەت تارقىتىلىپ، چاغانلىق يولۇچى توشۇش تېمىسىدىكى سانسىزلىغان سۈرەتلەر ئىچىدە كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىدى، نەچچە يۈزلىگەن تور بېكەتلەر ۋە گېزىتلار بۇ سۈرەتنى تاللاپ ئىشلەتتى.

  ئەينى يىلى «ھېلىقى ئانىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپ قويمىغاچقا»، مۇخبىر ئۇزاققا سوزۇلغان ئىزدەشنى باشلىدى. 11 يىلدىن كېيىن، مۇخبىر تور ئەھلى ۋە سۈرەتكە دىققەت قىلغۇچىلار تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن بۇ ئانىنى تاپتى. ئۇنىڭ ئىسمى بامۇيۈ بۇمۇ بولۇپ، بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن، يىزۇ مىللىتىدىن، سىچۈەن ئۆلكىسى لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى يۆشى ناھىيەسى ۋايەن يېزىسى تاۋيۈەن كەنتىدە ئولتۇراتتى.

  بامۇيۈ بۇمۇ مەكتەپتە ئوقۇمىغان بولۇپ، خەنزۇچە خەت تونۇمايتتى. ئۇ تۇرۇشلۇق كەنتنىڭ يېرى ئۈنۈمسىز، ھوسۇلى تۆۋەن ئىدى. بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىلگىرى كونا ئۆيدە تۇراتتى، كەچتە قاتتىق يامغۇر ياغسا، يەنە قاراڭغۇدا يۈرۈپ، ئېقىپ قالغان سۇلارنىڭ ئاستىغا داس قوياتتى. تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇ ئېرى بىلەن سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ، ئائىلىسىنى باقاتتى.

  ئەينى يىلى، ئۇ نەنچاڭدىكى بىر خىش زاۋۇتىدا ئىشلەپ، بىر ئايدا 500-600 يۈەن تاپتى، يېنىدا بىر ياشقا توشمىغان ئىككىنچى قىزى بار ئىدى. سۈرەتكە تارتىلغان چاغدا، ئۇ ئۆيىگە قايتىپ، ئىككىنچى قىزىنىڭ كېسىلىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن نەنچاڭ ۋوگزالىغا بارغان ئىدى. بىراق كەنتنىڭ داۋالاش شارائىتى چەكلىك بولغاچقا، بالىسى بەش ئايدىن كېيىن بەختكە قارشى ئۆلۈپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلمىدى.

  بامۇيۈ بۇمۇ مۇنداق دېدى: «ئۇ چاغدا تاۋيۈەن كەنتىدە سىرتقا تۇتىشىدىغان پەقەت بىر پاتقاق يول بار ئىدى، سەپەرگە چىققاندا ئات ھارۋىسىغا تايىناتتۇق، داۋالاش شارائىتى ئىنتايىن قالاق ئىدى، نۇرغۇن ھامىلىدار ئاياللار ئۆيدە يەڭگىيتتى، بالىلار ئاغرىپ قالسا ۋاقتىدا داۋالىنالمايتتى.»

  2014-يىلى، بامۇيۈ بۇمۇنىڭ ئائىلىسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. تاۋيۈەن كەنتى كۆك تاماكا كىرگۈزۈپ تېرىغاندىن كېيىن، ئۇ ئېرى بىلەن بىرلىكتە كۆك تاماكا تېرىدى. ئۆگىنىش ئارقىلىق، بامۇيۈ بۇمۇ ئەر-خوتۇن تېرىغان كۆك تاماكىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ھەسسىلەپ ئېشىپ، يىللىق كىرىمى نەچچە مىڭ يۈەندىن نەچچە ئون مىڭ يۈەنگە يەتتى، تېرىقچىلىق كۆلىمىمۇ ئەينى چاغدىكى ئالتە مودىن 15 موغا كۆپەيدى.


  2019-يىلى، بامۇيۈ بۇمۇ ئائىلىسى يېڭى ئۆي سالدى. 2020-يىلى، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇردى.

  2013-يىلىدىن بۇيان، بامۇيۈ بۇمۇ يەنە ئۈچ بالىلىق بولدى، ھەممىسى ناھىيە بازىرىدىكى دوختۇرخانىدا ھەقسىز تۇغۇلدى. ھازىرقى تۆت بالا ئىچىدە، چوڭ قىزى ۋۇچىلا بۇمۇ تولۇقسىز 1-يىللىقتا ئوقۇيدۇ، ئىككىنچى قىزى ۋاڭ شۆيى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدۇ، ئوغلى ۋۇچى بۇجى يەسلىدە ئوقۇيدۇ.

 



  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جوۋ كې فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ