مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ تېلېگرامما يوللاپ، رۈەن فۇجۇڭنىڭ ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2021.02.01 19:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 31-كۈنى رۈەن فۇجۇڭغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: سىزنىڭ ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغانلىقىڭىزدىن خەۋەر تاپتىم، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن سىزنى ۋە سىز ئارقىلىق ۋىيېتنام كومپارتىيەسى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

  ۋىيېتنام كومپارتىيەسى 12-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش باش شۇجى رۈەن فۇجۇڭ باشچىلىقىدىكى ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ۋىيېتنام كومپارتىيەسى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ۋىيېتنام خەلقىنى يېتەكلەپ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات ئىشلىرىدا بىر يۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ۋىيېتنام كومپارتىيەسىنىڭ 13-قۇرۇلتىيى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىپ، ۋىيېتنامنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلاندى. مەن يولداش باش شۇجى رۈەن فۇجۇڭ باشچىلىقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ۋىيېتنامنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام سوتسىيالىستىك دوست قوشنىلار، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. مەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىنتايىن قەدىرلەيمەن، يولداش باش شۇجى رۈەن فۇجۇڭ بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت-سائادەت يارىتىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇشقا پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

  مەن سىزنىڭ ئالىي خىزمەت ئورنىدا يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىزگە چىن قەلبىمدىن تىلەكداشمەن!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ