مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ بولىۋىيە زۇڭتۇڭى ئارسېي بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.01.29 20:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە بولىۋىيە زۇڭتۇڭى ئارسېي بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-بولىۋىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 36 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى مۇقىم قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلىدى. بولۇپمۇ زۇڭتۇڭ مورالېس ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى قويۇق بولۇپ، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى تېز كېڭەيدى، كۆپ تەرەپ ئىشلىرىدا ماسلىشىش ياخشى بولدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پارتلىغاندىن بۇيان، جۇڭگو كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق بولىۋىيەنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى ماددىي ئەشيا ۋە تېخنىكا ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو بولىۋىيە بىلەن بولغان ۋاكسىنا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، چامىنىڭ يېتىشىچە داۋاملىق بولىۋىيەنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىنى قوللايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو باشتىن-ئاخىر بولىۋىيەنى ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ قىلىپ، جۇڭگو-بولىۋىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. جۇڭگو بولىۋىيەنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بولىۋىيە خەلقىنىڭ «گۈزەل تۇرمۇش» كۆرسەتكۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ، بولىۋىيە بىلەن بولغان سىياسەت جەھەتتىكى ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا قوللاشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى رەتلەپ، پىلاننى ياخشى تۈزۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. بولىۋىيەنىڭ جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى قاتارلىق سۇپىلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك خاس مەھسۇلاتلارنى تونۇشتۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو ئىككى تەرەپ كارخانىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، كانچىلىق، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، تېلېگراف قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىنى قوللايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقۇم ۋەزىيىتىگە ئاساسەن ئادىمىيەت ئالاقىسى ۋە جايلارنىڭ ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپ رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مۇۋاپىق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئورتاق قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىشىنىمەنكى ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو-بولىۋىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىگە ئېرىشىدۇ.

  ئارسېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بولىۋىيە-جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى يىمىرىلمەيدۇ. بولىۋىيە جۇڭگو بىلەن بولغان قېرىنداشلارچە دوستلۇق مېھرىنى قەدىرلەيدۇ، بولىۋىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە يېقىنلاشتۇرۇشنى چىن كۆڭلىدىن ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ بولىۋىيەنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىنى قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن، داۋاملىق جۇڭگونىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن. بولىۋىيە جۇڭگو بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بولىۋىيە-جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ. بولىۋىيە جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى پائال ئورتاق قۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ