شى جىنپىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن چاغاننى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى

2021.02.02 19:03 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار، بىرلىكسەپ ئەزالىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارنىڭ چاغىنىنى مۇبارەكلىدى

  ۋاڭ ياڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى شىنچوۋ كالا يىلىدىكى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 1-فېۋرال چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، چاغاننى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار، بىرلىكسەپ ئەزالىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارنىڭ چاغىنىنى مۇبارەكلىدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ قاتناشتى.

  جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ، جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى دىڭ جۇڭلى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن جۇ، جۇڭگو ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ، «3-سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىدىن چېن پىڭيۈەن، يې شياۋگاڭ قاتارلىقلار تەكلىپكە بىنائەن قاتناشتى. تەكلىپكە بىنائەن قاتناشقانلاردىن يەنە رەھبەرلىك ئورنىدىن چېكىنگەن ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسلىرى، 1-مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسلىرى بار.

  ۋەن ئېشياڭ ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2020-يىلى يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى ناھايىتى ئالاھىدە، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق رازى بولىدىغان، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان، تارىخ بېتىدە نۇر چاچىدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. يېڭى بىر يىلدا، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ھەمكارلىق ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا بېسىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا كۆرسىتىلگەن يۆنىلىشكە ئاساسەن، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ ۋەن ئېشياڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2020-يىلى-يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى ناھايىتى ئالاھىدە بىر يىل بولدى. كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپە، مىسلىسىز خېيىم-خەتەر، خىرىس ئالدىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە تاشقى بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش ۋە «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلىدى. جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا مەنپىيدىن مۇسبەتكە ئۆزگىرىش ئالدى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى ئۆز قەرەلىدە ئورۇنلاندى، «13-بەش يىللىق» پىلان تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى، «14-بەش يىللىق» يىرىك پىلان ئومۇميۈزلۈك پىلانلاندى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئۇلۇغ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى شۇنداقلا ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىر يىلدىن بۇيان، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، دىققىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي خىزمەتلىرىگە مەركەزلەشتۈرگەن ھالدا مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىنىڭ تەلىپىگە ماسلاشقان ھالدا ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئالاھىدە پەيتىدە، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار قەتئىي تەۋرەنمەي، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بىرلىكتە ئويلاپ، بىر سەپتە تۇرۇپ، بىرلىكتە ئىشلەپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ئەقىل-چارە كۆرسىتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلىشىنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. كۆپچىلىك مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغان پارتىيەنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلدى. كۆپچىلىك يۇقۇمنىڭ پايدىسىز تەسىرىنى يېڭىپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىشىغا ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشتى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، كۆپچىلىككە چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2021-يىلى «14-بەش يىللىق» پىلان يولغا قويۇلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلىنىدىغان تۇنجى يىل، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەيمىز. كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇشتەك شانلىق مۇساپىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ ۋە نامايەن قىلىپ، ئەزالارنى شەرەپلىك ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيەلەر ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرى ئۈستىدە پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش قىياپىتى، بوران-چاپقۇنغا قارىماي ئىلگىرىلەيدىغان روھىي ھالەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى كۆپ پارتىيەلەر ھەمكارلىقى ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلار سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بارلىق ئەزالار ۋە ئۆزلىرى ئالاقىلىشىدىغان ئاممىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى سىياسىي، ئىدىيە، نەزەرىيە، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتەك سىياسىي خىسلەتنى باشتىن-ئاخىر ساقلىشى كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆپ پارتىيەلەر ھەمكارلىقى ئىشلىرى توغرىسىدىكى يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىسى، يېڭى تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلىپ پىلانلاشتىكى سىياسىي يۈكسەكلىك، نەزەرىيە يۈكسەكلىكى، دەۋر يۈكسەكلىكى ۋە خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئاڭلىق ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياخشى مەسلىھەتچىسى، ياخشى ياردەمچىسى، ياخشى خىزمەتدىشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ باشتىن كەچۈرگۈچىسى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىسى، قوغدىغۇچىسى، مۇھاپىزەتچىسى بولۇشى كېرەك. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش، پىكىر ئىنكاس قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ئېلىمىزنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق ۋە 15 يىللىق تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلدى. كۆپچىلىكنىڭ ئىختىساسلىقلار توپلىشىش، ئەقلىي كۈچ مۇجەسسەملىشىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك، ماكرولۇق تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان تەدبىر، تەكلىپ بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا دېموكراتىك نازارەت قىلىشتىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللاردىن ئۆرنەك ئېلىپ، يېڭىدىن مەخسۇس دېموكراتىك نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى ئەربابلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت باش تېمىنى چۆرىدەپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي يېتەكچىلىك ۋە ئىدىيە يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىشى كېرەك. پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلارنىڭ كەسپى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بۇ يىل پۈتۈن پارتىيەدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە رىغبەتلەندۈرۈشنى قارار قىلدى. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە بىرلەشتۈرۈپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش كۈرەش مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ، شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەمكارلىشىش ئەسلىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىدىغان پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى بىر قاتار تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى داۋاملىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي قۇرۇلۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەك. سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز ۋەكىل زاتلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ، يوۋ چۈەن، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ