مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نامسىز پاش قىلغانلار ئۆچ ئېلىشقا ئۇچرىدى

«سوئال قويغان كىشى»گە كىم زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ؟

2021.02.04 20:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خېنەن جوۋكوۋدىكى بىر ئەر يېقىندا شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى فۇگوۋ ناھىيەلىك شۆبە ئىدارىسىغا تېلېفون قىلىپ، بىر زاۋۇتنىڭ بۇلغىما قويۇپ بەرگەنلىكىنى نامسىز پاش قىلغان، نەتىجىدە ئۇنىڭ نامسىز پاش قىلغانلىقىنى بۇ زاۋۇت بىلىپ قالغان بولۇپ، ئۇنى ئۇرۇپ باش سۆڭىكىنى زەخمىلەندۈرگەن. بۇ كارخانا يەنە تەھدىت سېلىپ: «كىم يەنە پاش قىلىدىكەن، بىر قېتىم پاش قىلسا بىر قېتىم تاياق يەيدۇ»، دېگەن. شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى: مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىدىكىلەر نامسىز پاش قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويدى، دەپ گۇمانلانغان.

  ئاممىنىڭ بۇ ۋەقەگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى كۆپچىلىكنىڭ پاش قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى جايلاردا پاش قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرى ئاشكارىلىنىپ كېتىش، ھەتتا زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىشقا ئۇچراش دېلولىرى كۆپ قېتىم يۈز بەردى. مەسىلەن، پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سالغان خۇنەن شىنخۇاڭدىكى «تەنتەربىيە مەيدانىغا جەسەت كۆمۈش دېلوسى»دىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دېڭ X نىڭ ۋەقەگە ئۇچرىشىمۇ نامسىز پاش قىلىش ئۇچۇرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كىشىلەر، پاش قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرىنىڭ پاش قىلىنغۇچىغا كەينى-كەينىدىن ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن، ئىنكاس قىلىش ئاكتىپلىقىغا تەسىر يېتىشتىن ئەنسىرىمەكتە.

  قانۇنغا، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولمىغان مەسىلىلەرنى بايقىغاندا، بەزى كىشىلەرنىڭ ئالاقىدار تارماقلارغا پائال پاش قىلىشى فۇنكسىيەلىك تارماقلارغا بولغان ئىشەنچنى چىقىش قىلغان بولۇپ، ئۇلارنى قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلالايدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن، پاش قىلىش جىسمانىي خەۋپ-خەتەردىن دېرەك بەرسە، كېيىنچە يامان ئادەم، يامان ئىشلارنى يەنە كىممۇ پاش قىلىشقا پېتىنالايدۇ؟ كىم يەنە ئەتراپىدىكى قانۇنسىز مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىشقا پېتىنالايدۇ؟ خەتەرنى پاش قىلغۇچىلارغا ئارتىپ قويۇش قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  پاش قىلىش − ئاممىنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىش ۋە نازارەت قىلىشتىكى كۈچلۈك ئۇسۇلىدۇر. پاش قىلغۇچى ئىنكاس قىلغان مەسىلىنىڭ ۋاقتىدا تەكشۈرۈلگەن-تەكشۈرۈلمىگەنلىكى، پاش قىلىنغان دەلىل- ئىسپاتنىڭ مەخپىيىتى ۋە پاش قىلغۇچىنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلگەن- كاپالەتلەندۈرۈلمىگەنلىكى − ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكىگە بولغان پوزىتسىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. زادى مەسىلىنى ھەل قىلامدۇ ياكى «مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئادەمنى ھەل قىلامدۇ»، بۇنى پاش قىلغۇچىنىڭ خەۋپكە ئۇچرىغانلىقىغا قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ.

  قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش، رەزىللىكنى تۈگىتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تەجرىبىلىرى شۇنى چۈشەندۈرۈپ بەردىكى، پاش قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاپ قويۇش − پاش قىلغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ بەكرەك ئاممىنىڭ ئالاقىدار تارماقلارغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ، بۇ يەنە شۇنداقلا ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپ قىلمىش ھېسابلىنىدۇ. پاش قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى كۆپ ھاللاردا «ئىچكى خائىن» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ كەينىدە يەنە ئەمەلدار بىلەن سودىگەرنىڭ تىل بىرىكتۈرۈشى، ئەمەلدار بىلەن قارا كۈچلەرنىڭ ئۆز-ئارا چاپان يېپىشى قاتارلىق مەنپەئەتكە چېتىشلىق تىل بىرىكتۈرۈش مەسىلىلىرى بار. بەزى قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ، پاش قىلىنغۇچىنىڭ «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»گە ئايلىنىپ، ئەسلىي مەقسەتنى يوقىتىپ، ئاممىنىڭ قارشى تەرىپىدە تۇردى.

  مەيلى پارتىيە ئىنتىزامى ياكى دۆلەت قانۇنى بولسۇن، ئالاقىدار تارماقلاردىن پاش قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىدۇ، پاش قىلىش ماتېرىيالى ۋە پاش قىلغۇچىنىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللىرىنى پاش قىلىنغۇچى ئورۇن ۋە پاش قىلىنغۇچىغا ئاشكارىلاش ياكى يەتكۈزۈپ بېرىشنى قاتتىق چەكلەيدۇ؛ مەخپىيەتلىكنى ساقلاش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان جاۋابكارلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. پاش قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشى يېڭى مەسىلە ئەمەس، پەقەت پاش قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرىنى قوغداش تورىنى چىڭ توقۇغان ھەمدە مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويغۇچىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىغاندىلا، ئاندىن پاش قىلغۇچىدا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ، قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى تېگىشلىك جازاغا ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

  خېنەن فۇگوۋدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەگە ئائىت ئاممىۋى پىكىر يەنىلا ئەۋجىمەكتە، ئالاقىدار تارماقلار ۋاقتىدا چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، پاش قىلغۇچى ۋە جەمئىيەتكە كىشىنى قايىل قىلىدىغان جاۋاب بېرىشى كېرەك. نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ ۋەقەنىڭ جايلاردىكى ئالاقىدار تارماقلارغا مۇنۇلارنى ئەسكەرتىپ قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز: «مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئادەم»نى ھەل قىلىش ئەمەس، بەلكى ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ھەل قىلىش لازىم، مانا بۇ پاش قىلىشقا مۇئامىلە قىلىشتىكى توغرا قىياپەتتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ