مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوغۇللارنىڭ ئاياللىشىشىدىن ساقلىنىشتا كۆپ تەرەپتىن تەڭ تۇتۇش قىلىشقا توغرا كېلىدۇ

2021.02.02 19:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر ئەزاسىنىڭ «ئوغۇل ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاياللىشىشىدىن ساقلىنىش ھەققىدىكى تەكلىپ»ىگە جاۋا قايتۇردى. مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىنى سەپلەشنى كۈچەيتىش، مەكتەپ تەنتەربىيە تۈزۈمىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى كۈچەيتىش، ساغلاملىق تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ۋە ياشلارلار-ئۆسمۈرلەر پىسخىكا ساغلاملىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىشكە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىن بۇ مەسىلىلەر تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىنىدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ جاۋابىنىڭ تېز سۈرئەتتە مىكرو بىلوگنىڭ كۆپ ئىزدەلگەن تېمىلار قاتارىغا چىقىشىدىن بۇ تېمىنىڭ سەزگۈرلۈكى ۋە ئاممىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق، بۇ مەسىلىگە بۇرۇنلا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك ئىدى. بۇنىڭدىن 120 نەچچە يىل ئىلگىرى، لياڭ چىچاۋ ئەپەندى ئۆسمۈرلەر كۈچلۈك بولسا، جۇڭگو كۈچلۈك بولىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ خىل لوگىكىلىق يەكۈن بويىچە، ئۆسمۈرلەر «ئاياللاشسا» قانداق بولىدۇ؟ بۇ مەسىلە كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقى چىقارغان «رېتسىپ»تىكى بىرىنچى «دورا» دەل تەنتەربىيە چېنىشقىشىنى كۈچەيتىش بولدى. «بەدەننى كۈچلەندۈرۈش» ھەقىقەتەنمۇ ئەرلىك شىجائىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، ئەمما بىردىنبىر ۋاسىتە ئەمەس. ئوغۇل ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاياللىشىشىنىڭ سەۋەبىنى ئىنچىكە سۈرۈشتۈرگەندە، ئېنىقكى، ھەممىنى «تەنتەربىيە چېنىقىشى كەمچىل بولۇش»قا ئارتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.

  بىر ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتتىن ئايرىلالمايدۇ. نۆۋەتتە، بۇ ئۈچ تەرەپنىڭ ھەممىسىدە ئوغۇل ياشلار-ئۆسمۈرلەرنى ئاياللاشتۇرۇش خاھىشى بار. ئالدى بىلەن ئائىلىگە قاراپ باقىدىغان بولساق، كۆپ ساندىكى ئائىلىلەردە ئاتىلار ھەمىشە پۇل تېپىش رولىنى ئوينايدۇ، ئانا بولسا بالا بېقىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، كىشىلەر چاقچاق قىلىپ، بۇنى «جورىسىدىن ئايرىلغان ھالەتتە بالا بېقىش» دەپ ئاتايدۇ. ئاتىنىڭ رولىنىڭ كەمچىل بولۇشى ئوغۇل بالىنىڭ ئەركەكلىك جاسارىتىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىسىز. مەكتەپلەرگە قارايدىغان بولساق، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچى ئوغۇللارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ھالقىلىق مەزگىل، مىجەز-خاراكتېر يارىتىشنىڭ ئالتۇن مەزگىلى. نەزەر سالساق، باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە، ئەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن، بەزى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئەر ئوقۇتقۇچىلار «قىممەتلىك ھايۋانات» بولۇپ قالدى، بۇ، ئوغۇل بالىلارنىڭ ئەرلىك جاسارىتىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز. ئايال ئوقۇتقۇچىلار تەبىئىي ھالدا ئاياللارنىڭ نەزىرى، ئاياللارنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوغۇللارنى تەربىيىلەيدۇ. ئاخىرىدا جەمئىيەتكە قارايدىغان بولساق، ياشلار-ئۆسمۈرلەر چولپانلارنى، بولۇپمۇ كۆڭۈل ئېچىش چولپانلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ. كۆڭۈل ئېچىش چەمبىرىكىدىكى نۇرغۇن ياش ئەر چولپانلاردا ئاياللىشىش خاھىشى مەۋجۇت بولۇپ، بەزىلىرى قۇلىقىغا ھالقا تاقايدۇ، تۆشۈك ئىشتان كىيىدۇ، چېچىنى بوياپ، قېنىق گىرىم قىلىدۇ، سىرتقى قىياپىتى ئوغۇلمۇ ئەمەس، قىزمۇ ئەمەس، گەپ-سۆزلىرىدە ئەر-ئاياللىق ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، يامان ئۈلگە كۆرسەتمەكتە.

  بۇنداق كەيپىيات ئاستىدا، بەزى ياشلار-ئۆسمۈرلەردە ئاياللىشىش خاھىشىنىڭ كۆرۈلۈشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

  ئوغۇل ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاياللىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە تەنتەربىيە دەرسىنى كۆپرەك ئۆتۈش، تەنتەربىيە دەرسىنى ياخشى ئۆتۈش، ئەرلىك بەدىنىنى كۈچەيتىش كېرەك، لېكىن تەنتەربىيە دەرسى بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ زىچ ماسلىشىپ، ئوغۇل ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك. ئائىلە تەربىيەسىنى ئېلىپ ئېيتساق، دادا ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ، بالىنى ئايالىنىڭ يالغۇز باشقۇرۇشىغا تاشلاپ بېرىشكە بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئوغۇللار مائارىپىدا، دادا چوقۇم كۆپرەك قاتنىشىپ، ئۇنىڭ بىر لاياقەتلىك ئەركەك بولۇشىغا ياردەم قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ