مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن پەن-تېخنىكا كۈچى ئارقىلىق تۆھپە قوشۇش لازىم

2021.02.02 19:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن ئىچكى-تاشقى مۇھىتتا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، «14-بەش يىل» مەزگىلى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىشكە تېخىمۇ جىددىي تەلەپ قويدى. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭىلىق يارىتىشنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتىدىكى يادرولۇق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا مۇستەقىل بولۇش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى قىلىش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكىلەر يېڭىلىق يارىتىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى توغرا ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، پەن-تېخنىكا ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن پەن-تېخنىكا كۈچى ئارقىلىق تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەش لازىم. پەن-تېخنىكىنىڭ بۇرچى − چەكسىز ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشتا. «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئېلىمىز ئالىملىرى كۋانت ئۇچۇرى، تۆمۈر ئاساسلىق ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ، نېيترىنو، غول ھۈجەيرە، مېڭە ئىلمى قاتارلىق ئاساسىي پەنلەرنىڭ ئالدىنقى ساھەلىرىدە بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك، يېتەكچى خاراكتېرلىك زور ئىجادىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانىيەت بىلىم خەزىنىسىنى بېيىتىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا مۇلازىمەت قىلىش − پەن-تېخنىكا ساھەسىدىن ئاساسىي تەتقىقاتنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىپتىدائىي يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، دىققەتنى ئالدىنقى سەپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆز ئالدىغا يول ئېچىپ، باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، بىلىم يېڭى رايونىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارقىلىق پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئۇل تېشىنى مۇستەھكەملەشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ پوتېنسىئال ئېنېرگىيەسىنى جۇغلاش لازىم. دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا چوڭ ئايلىنىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ئورنىنى يارىتىش − پەن-تېخنىكىنىڭ ئېنېرگىيە توپلاشتىكى ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا جىددىي ئېھتىياجلىق. ئېلىمىز ئالىملىرى 5G كۆچمە خەۋەرلىشىشى، دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش، ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش-بېسىم ئۆزگەرتىش قاتارلىق ساھەلەردە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكىلەر كەسىپ ئەمەلىيىتىدىن ئىلمىي مەسىلىلەرنى تاللاش ۋە ھەل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك بولۇشتىن كەسىپتە كۈچلۈك بولۇش، ئىقتىسادتا كۈچلۈك بولۇش، دۆلەت كۈچلۈك بولۇشقىچە بولغان يولنى ئېچىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ