مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«زىيادە داۋالاش»تىن ئىبارەت بۇ زەھەرلىك ئۆسمىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش لازىم

2021.02.02 19:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭدىكى بىر داۋالاش ئاپپاراتى زىيادە داۋالاش قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلغان. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل ھادىسە ئايرىم دېلو ئەمەس. كىچىك كېسەللەرنى چوڭ داۋالاش، كىچىك كېسەللەرنى چوڭ پەرۋىش قىلىش، زىيادە تەكشۈرۈش، زۆرۈر بولمىغان ئوپېراتسىيەلەرنى قىلىشقا ئازدۇرۇش... بەزى داۋالاش ئاپپاراتلىرى پايدا ئېلىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىماي، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئاغرىقلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى شىلىۋالىدۇ، بۇنداق ناچار قىلمىشلار ئاغرىقلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، دوختۇر-ئاغرىقلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكتىن، ئۇزاققىچە ئاممىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كەلدى. ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، كېسەلنى داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزۇشنى «سودا» قىلىۋېلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. «زىيادە داۋالاش»تىن ئىبارەت بۇ زەھەرلىك ئۆسمە ئالدىدا، «قانۇنچىللىق»تىن ئىبارەت ئوپېراتسىيە پىچىقى بىلەن جىددىي كېسىپ ئېلىۋېتىش كېرەك، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «زىيادە داۋالاش» مەسىلىسىنى تۈزەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، قانۇن بويىچە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، كونا ئىللەتلەرنى زور كۈچ بىلەن تۈگەتكەندىلا، ئاندىن كەسىپنىڭ تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئاغرىقلارنى خاتىرجەم قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ