شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇچقۇندىن يانغىن چىقتى

−− كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭىدا ئۇچراشقان ۋېنجيا شەھىرىگە نەزەر

2021.01.29 20:38 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتىكىسى: 26-يانۋار خۇنەن ئۆلكىسى ليۇياڭ شەھىرى ۋېنجيا شەھىرى بازىرىدىكى كۈزلۈك يىغىم مەيدانىدا تارتىلغان قىزىل بايراق ھەيكىلى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن سىخەن فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  1927-يىلى بۈيۈك ئىنقىلاب مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئوڭچىل ئاغمىچىلىق خاتالىقىنى تۈزىتىپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قوراللىق قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت كۈرەش يولىغا ماڭدى ھەمدە ئىشچى-دېھقانلار ھەرىكىتىنىڭ ئاساسى بىرقەدەر ياخشى بولغان خۇنەن، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ، جياڭشى ئۆلكىلىرىدە كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭىنى قوزغاشنى قارار قىلدى.

  1927-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭى پارتلىدى. ئىشچى-دېھقانلار ئىنقىلابىي ئارمىيەسى 1-جۈنىنىڭ 1-شىسىغا قاراشلىق ئۈچ تۈەندىكى جەمئىي 5000 دىن ئارتۇق ئادەم ئايرىم-ئايرىم ھالدا جياڭشىنىڭ شيۇشۈي، ئەنيۈەن، تۇڭگۇ دېگەن جايلىرىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، چاڭشا شەھىرىگە ئۈچ تەرەپتىن بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىدى.

  ھالبۇكى، دۈشمەن كۈچلۈك، ئارمىيەمىز ئاجىز بولغاچقا، ھەرقايسى يولدىكى قوزغىلاڭلار ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى، قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ ئادەم سانى ئازىيىپ 1500 نەچچە ئادەمگە چۈشۈپ قالدى. شۇ چاغدىكى خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكوم ئالدىنقى سەپ كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ماۋ زېدۇڭ كەسكىن قارارغا كېلىپ، 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ھەرقايسى تۈەنلەرگە ليۇياڭ شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ۋېنجيا شەھىرىدە يىغىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.

  9-ئاينىڭ 19-كۈنى ماۋ زېدۇڭ ۋېنجيا شەھىرىدىكى لىرېن مەكتىپىدە ئالدىنقى سەپ كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى ئېچىپ، چاڭشاغا ھۇجۇم قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، دۈشمەننىڭ ھۆكۈمرانلىق كۈچى ئاجىز يېزىلارغا بېرىپ تەرەققىي قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. كەسكىن مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، يىغىن ئاخىرىدا ماۋ زېدۇڭنىڭ توغرا تەشەببۇسى ماقۇللىنىپ، قىسىمنىڭ لوشياۋ تاغ تىزمىسىنى بويلاپ جەنۇبقا يۆتكىلىشى قارار قىلىندى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، جۇڭگو ئىنقىلابى «يېزىلار ئارقىلىق شەھەرلەرنى قورشاش، ھاكىمىيەتنى قوراللىق تارتىۋېلىش» يولىغا قەدەم قويدى، ئۇچقۇنلار تەدرىجىي يانغىنغا قاراپ تەرەققىي قىلدى.

  كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭى خەلق ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى ئارمىيە بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىدىغان يېڭى تىپتىكى خەلق ئارمىيەسىنى قۇردى، ۋېنجيا شەھىرىدىكى ئۇچرىشىش يېزىلار ئارقىلىق شەھەرلەرنى قورشاشتەك توغرا ئىنقىلاب يولىنى ئاچتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ