خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 6-شىسى ئوتۇنكوزا شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى چى شىنپىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ھازىر شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋېتىپتۇ
چى شىنپىڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
چى شىنپىڭ، ئەر، خەنزۇ، 1960-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان، سىچۈەن پېڭشىدىن، 1978-يىلى 10-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1983-يىلى 11-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
1978-يىلى 10-ئايدىن 1979-يىلى 4-ئايغىچە يېزا ئىگىلىك 2-شىسى 27-تۈەنىنىڭ ئورمانچىلىق ليەنىدە ئىشچى-خىزمەتچى بولغان؛
1979-يىلى 4-ئايدىن 1980-يىلى 7-ئايغىچە يېزا ئىگىلىك 2-شىسى 27-تۇەنى ئەمگەك-مالىيە بۆلۈمىنىڭ ئەزاسى بولغان؛
1980-يىلى 7-ئايدىن 1985-يىلى 2-ئايغىچە يېزا ئىگىلىك 2-شىسى خۇگۇاڭ توقۇمىچىلىق زاۋۇتى ئىنچىكە يىپ ئېگىرىش سېخىنىڭ ئىشچىسى، ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىنىڭ باشلىقى، ئوچاستىكا باشلىقى بولغان؛
1985-يىلى 2-ئايدىن 1986-يىلى 1-ئايغىچە يېزا ئىگىلىك 2-شىسى خۇگۇاڭ توقۇمىچىلىق زاۋۇتى چىڭخۇا سېخى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛
1986-يىلى 1-ئايدىن 1987-يىلى 11-ئايغىچە يېزا ئىگىلىك 2-شىسى خۇگۇاڭ توقۇمىچىلىق زاۋۇتى چيەنفاڭ سېخى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى بولغان؛
1987-يىلى 11-ئايدىن 1993-يىلى 2-ئايغىچە يېزا ئىگىلىك 2-شىسى خۇگۇاڭ توقۇمىچىلىق زاۋۇتى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئورگان پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (1987-يىلى 9-ئايدىن 1989-يىلى 8-ئايغىچە، يېزا ئىگىلىك 2-شىسى پارتكومى پارتىيە مەكتىپىنىڭ پارتىيە-ھۆكۈمەت باشقۇرۇش كەسپى ئوتتۇرا تېخنىكومىدا ئوقۇغان)؛
1993-يىلى 2-ئايدىن 1995-يىلى 2-ئايغىچە يېزا ئىگىلىك 2-شىسى خۇگۇاڭ توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان (ئارىلىقتا: 1994-يىلى 3-ئايدىن 1994-يىلى 5-ئايغىچە بىڭتۇەن پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ پارتكوم شۇجىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا ئوقۇغان)؛
1995-يىلى 2-ئايدىن 2001-يىلى 2-ئايغىچە يېزا ئىگىلىك 2-شىسى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان (ئارىلىقتا: 1997-يىلى 8-ئايدىن 1999-يىلى 12-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ رەھبىرىي كادىرلار تولۇق كۇرس سىنىپىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە سىرتتىن ئوقۇغان؛ 1994-يىلى 12-ئايدىن 1995-يىلى 12-ئايغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئالىي تېخنىكوم سىنىپىدا ئوقۇغان)؛
2001-يىلى 2-ئايدىن 2007-يىلى 1-ئايغىچە يېزا ئىگىلىك 2-شىسى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغان (ئارىلىقتا: 2001-يىلى 9-ئايدىن 2004-يىلى 6-ئايغىچە ئوتتۇرا جۇڭگو پەن-تېخنىكا داشۆسى ئاسپىرانتلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىنىڭ كارخانا باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان؛ 2002-يىلى 9-ئايدىن 2003-يىلى 1-ئايغىچە بىڭتۇەن پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ياش، ئوتتۇرا ياش كادىرلار سىنىپىدا ئوقۇغان)؛
2007-يىلى 1-ئايدىن 2009-يىلى 2-ئايغىچە يېزا ئىگىلىك 2-شىسىنىڭ باش ئىنژېنېرى بولغان (ئارىلىقتا: 2008-يىلى 3-ئايدىن 2008-يىلى 5-ئايغىچە بىڭتۇەن پارتكومى پارتىيە مەكتىپىنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش 1-سىنىپىدا ئوقۇغان)؛
2009-يىلى 2-ئايدىن 2011-يىلى 8-ئايغىچە يېزا ئىگىلىك 2-شىسى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شىجاڭى بولغان؛
2011-يىلى 8-ئايدىن 2012-يىلى 12-ئايغىچە يېزا ئىگىلىك 13-شىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىجاڭى بولغان (ئارىلىقتا: 2012-يىلى 3-ئايدىن 2012-يىلى 4-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ 58-قارارلىق نازىر، ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك كادىرلار بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا ئوقۇغان)؛
2012-يىلى 12-ئايدىن 2016-يىلى 9-ئايغىچە 13-شى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىجاڭى بولغان؛
2016-يىلى 9-ئايدىن 2016-يىلى 10-ئايغىچە 13-شى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى بولغان؛
2016-يىلى 10-ئايدىن 2017-يىلى 4-ئايغىچە 13-شى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى، قومۇل شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛
2017-يىلى 4-ئايدىن 2017-يىلى 8-ئايغىچە 6-شى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى، قومۇل شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛
2017-يىلى 8-ئايدىن 2017-يىلى 10-ئايغىچە 6-شى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى، سانجى ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛
2017-يىلى 10-ئايدىن 2018-يىلى 7-ئايغىچە 6-شى ئوتۇنكوزا شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، 6-شىنىڭ سىياسىي كومىسسارى، سانجى ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان؛
2018-يىلى 7-ئايدىن 2018-يىلى 9-ئايغىچە 6-شى ئوتۇنكوزا شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، 6-شىنىڭ سىياسىي كومىسسارى، سانجى ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئوتۇنكوزا شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى بولغان؛
2018-يىلى 9-ئايدىن 2020-يىلى 12-ئايغىچە 6-شى ئوتۇنكوزا شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، 6-شىنىڭ سىياسىي كومىسسارى، سانجى ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئوتۇنكوزا شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛
2020-يىلى 12-ئايدا پېنسىيەگە چىققان؛
(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى