مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، خەن جېڭ قاتناشتى

2021.01.27 18:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1-ئاينىڭ 25-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، گوۋۇيۈەن پارتىيە گۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت سىستېمىسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە كۈچەيتىشنى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتتى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم-كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ يېتەكلەش، كاپالەتلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى نىشان-ۋەزىپىلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  بىرىنچى، سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم-زور تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى نازارەت قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاشتا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، مەمۇرىي ھوقۇق يۈرگۈزۈش بىلەن نازارەتچىلىك-چەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە، دۆلەت كارخانىلىرى، دۆلەت مۈلكى، تۈر تەستىقلاش، ئاممىۋى بايلىق سودىسى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، چىرىكلىك تۇپرىقىنىڭ پەيدا بولۇشىنى تۈزۈم جەھەتتىن تۈگىتىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، قەتئىي بوشاشماي «تۆت خاھىش»، بولۇپمۇ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈزىتىش كېرەك. ھۆكۈمەت غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، پائالىيەت ئۆتكۈزۈش، تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىق ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى ھالقىلاردا ئىنچىكە ھېساب قىلىپ، تېجەپ ئىشلىتىپ، چەكلىك بايلىقنى خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشكە ئىشلىتىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پىچاق بىسىغا ئىشلىتىش كېرەك. ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش، يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىنى قەتئىي بوشاشماي تۈزەش كېرەك. مائارىپ، داۋالاش، كۈتۈنۈش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئېكولوگىيە، مۇھىت، يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى سىجىل ئىدارە قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى بېيىتىش، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت مەمۇرلىرى، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىي ئېتىقادى مۇستەھكەم، قائىدە-ئىنتىزامغا بويسۇنىدىغان زېرەك ئادەم بولۇشى كېرەك. ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى، شۇنداقلا ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى ۋە پاك-تەلەپچان بولۇشتىكى تۈرلۈك تەلەپلەرگە ئاڭلىق بويسۇنۇشى كېرەك. ۋەزىپىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي نەتىجىگە ئەھمىيەت بېرىپ، پائال يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تىرىشىپ خەلق رازى بولىدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك.

  يىغىندا، مۇۋاپىق پەيتتە بۇ يىلقى گوۋۇيۈەن پاكلىق خىزمىتى يىغىنىنى ئېچىش، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىش قارار قىلىندى.

  خەن جېڭ، سۈن چۈنلەن، خۇ چۈنخۇا، ليۇ خې، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ