مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ كورېيە زۇڭتۇڭى مۇن جېئىن بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.01.27 18:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە كورېيە زۇڭتۇڭى مۇن جېئىن بىلەن تېلېفونلاشتى.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۆزئارا چاغانلىق سالام يوللىدى، جۇڭگو-كورېيە خەلقىگە چاغانلىق بەخت تىلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2020-يىلىدىن بۇيان، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ يەر شارىدا كەڭ تارقىلىشى بىلەن دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش گىرەلىشىپ كەتتى، خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى. جۇڭگو بىلەن كورېيە جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، بىرلىكتە تىرىشىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، بولۇپمۇ ئىككى تەرەپ ئۈنۈملۈك، ياراملىق تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى يولغا قويۇپ، ھەمكارلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ، جۇڭگو-كورېيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئىككى تەرەپ بىرلىشىپ مۇداپىئەلىنىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ھەمكارلىق مېخانىزمى ۋە «تېز يول»دىن داۋاملىق ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىپ، رايون ۋە خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. كېلەر يىلى-جۇڭگو بىلەن كورېيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى چوڭقۇر راۋاجلىنىشنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى. مەن سىز بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-كورېيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىلىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكارلاشنى خالايمەن. مەن ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو-كورېيە مۇناسىۋىتى كەلگۈسى تەرەققىيات كومىتېتى سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ 30 يىللىق تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ ۋە يەكۈنلەپ، كەلگۈسى تەرەققىياتنى پىلانلاپ، خەلقنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-كورېيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن كورېيە مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھلار. بۇلتۇر ئىككى دۆلەتنىڭ سودىسى تەتۈر ئېشىپ، جۇڭگو-كورېيە ھەمكارلىقىنىڭ ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقى ۋە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى ئىسپاتلىدى. مەن ئىككى تەرەپنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنى تېزلىتىش، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدە ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك يۇغۇرۇلما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو-كورېيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ 2-باسقۇچلۇق سۆھبىتىنى تېزدىن تاماملاپ، «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نىڭ بالدۇرراق كۈچكە ئىگە بولۇشى ۋە جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تېزدىن ئېلىپ بېرىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭگو كورېيە بىلەن خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىللىك ۋە ئەركىن سودىنى قوغداشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىشنى خالايدۇ.

  مۇن جېئىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ، يەر شارىدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدىكى ئىقتىسادنىڭ مۇسبەت ئېشىشىنى بىردىنبىر ئىشقا ئاشۇرغان دۆلەتكە ئايلاندى، جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە تەسىرى كۈنسايىن كۈچىيىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ مۇھىم قەدەم تاشلىدى. مەن كورېيە-جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش پەيتىدە، سىز بىلەن بىرلىكتە كورېيە-جۇڭگو مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىلىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. كورېيە بىلەن جۇڭگو يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ئارقىلىق، دوستلۇق ۋە ئۆز ئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتتى. كورېيە جۇڭگو بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىساد-سودا، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. كورېيە جۇڭگونىڭ يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىدە جارى قىلدۇرغان رەھبەرلىك ئىقتىدارىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، جۇڭگو بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق مەسىلىلەردە داۋاملىق پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلىشىشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ