مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئومۇمنىڭ ھوقۇقى شەخسىيلەرنىڭ «چوماقچى»لىرىغا ئايلىنىپ قالمىسۇن

2021.01.28 18:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ بىر نەچچە كۈندە، ئاممىۋى پىكىر «گۈيياڭدىكى بىر ئايال مەھەللە شۇجىسىنى ‹سامان قورساق› دەپ تىللىغانلىقتىن، ساقچىلار شەھەر ئاتلاپ بېرىپ ئۇنى قولغا ئالغان»لىق ۋەقەسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. ئىشقا چېتىشلىق شۇجىنى «ئەمەلدارلىق ھەيۋىسىنى كۆز-كۆز قىلدى» دەپ تەنقىد قىلىشتىن باشقا، نۇرغۇن كىشىلەر گاڭگىراپ قالدى: نېمە ئۈچۈن ئاممىنىڭ بىر ئېغىز «سامان قورساق ياچېيكا شۇجىسى» دېگەن تەنقىدى ئۈچۈن، بىجيې شەھىرىدىكى بىر ج خ ئىدارىسىدىكىلەر گۇيياڭغا بېرىپ، شەھەر ھالقىپ ئادەم تۇتىدۇ؟ ئاساسىي قاتلامدىكى قىسمەن ج خ ئورگانلىرى «ھوقۇقدارلارنىڭ مالايلىرى»، شەخسىيلەرنىڭ «چوماقچى»لىرىغا ئايلىنىپ قالدىمۇ- قانداق؟

  ۋەقەگە چېتىشلىق مەھەللە شۇجىسىنىڭ ئالدىنقى ئېرىنىڭ شۇ جايدىكى خەلق ساقچىسى ئىكەنلىكى دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ. شۇ جايدىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشكە ئارىلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خەلق ساقچىسىنىڭ مەزكۇر ۋەقەدە قانداق رول ئوينىغانلىقى، مۇناسىۋەت دېلوسى، ئادەمگەرچىلىك دېلوسى بېجىرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ بار-يوقلۇقى ھامان ئاشكارىلىنىدۇ. لېكىن، «ئالدىنقى ئېرى»دىن ئىبارەت بۇ ئامىل بولمىغان تەقدىردىمۇ، بۇ قېتىمقى شەھەر ھالقىپ ئادەم تۇتۇش ۋەقەسى يەنىلا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، ۋەقەگە چېتىشلىق ئايالنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، شۇ جايدىكى ج خ ئىدارىسىنىڭ نۇرغۇن قىلمىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن. مەسىلەن، بىجيې ساقچى تەرەپنى شەھەر ئاتلاپ چاقىرتىش، ساقچى فورمىسى كىيمەسلىك، ئاغزاكى ئىقرارنى خاتىرىلەش ۋاقتى ئېشىپ كېتىش، دەۋالاشقۇچىنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش پىكرىنى كۆزگە ئىلماسلىق، توختىتىپ قويۇش ئۇقتۇرۇشى چۈشۈرگەندىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە دەۋالاشقۇچىنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى بىلەن ئالاقىلاشماسلىق قاتارلىقلار. بىجيې شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى 26-يانۋار ۋەقەگە چېتىشلىق ئايالغا قارىتىلغان مەمۇرىي جازا قارارىنى بىكار قىلغاندىمۇ، ۋەقەگە چېتىشلىق ساقچىخانىنىڭ «چاقىرتىش تەرتىپىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكى»نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

  جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى كىشىلەرنىڭ ئومۇمنىڭ ھوقۇقىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش، قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولغان ئەندىشىسى ۋە قاتتىق يىرگىنىشىنى ئەكس ئەتتۈردى. خەلق ساقچىلىرى خەلق ئۈچۈن دېلو بېجىرىدىغان بولۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغدايدىغان ۋە كاپالەتلەندۈرىدىغان مۇھىم كۈچ، ئايرىم رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شەخسىي چوماقچىسى بولۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. قالايمىقان ئىشلىتىلگەن، شەخسىي ئىشلارغا ئىشلىتىلگەن ھامان، مۇناسىۋەتتىن پايدىلىنىدىغان قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇننى تاللاپ ئىجرا قىلىش كۆرۈلۈشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، ئادىللىق، قانۇنچىللىقنىڭ چەك-چېگراسى ۋە يولىدىن چەتنەپ كېتىدۇ، ھەتتا ساقچىلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلىشىپ، ئىناۋىتى زىيانغا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، ھەر ۋاقىت ئۆزىنى قەدىرلەپ، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىپ، ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، يالغۇزدا، كىچىكتە باشتىن-ئاخىر ئېھتىياتچان بولۇپ، سىياسىي ئېتىقادى مۇستەھكەم، قائىدە-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان زېرەك كىشىلەردىن بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىغا باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىپ، ئىمتىياز ئىدىيەسى، ئىمتىياز ھادىسىسىگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئائىلىنى پاك باشقۇرۇپ، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، پەرزەنتلىرى ۋە ئەتراپىدىكى خىزمەتچىلەرنى قاتتىق ياخشى باشقۇرۇشى كېرەك. باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇشى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ، چۈنكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھوقۇقنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىشلەتمەسلىك، يالغۇزدا، كىچىكتە ئېھتىياتچان بولماسلىقتىن باشلانغان.

  «ئاممىنىڭ تىل-ئاھانىتى»دىن كېلىپ چىققان ئاممىۋى پىكىر يەنىلا ئۇلغىيىۋاتىدۇ. پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاممىنىڭ تىل-ئاھانىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشىدىن، ئومۇمنىڭ ھوقۇقىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىشتىن قانداق ساقلىنىشىغىچە، بۇ ئىش بىر ئوچۇق دەرس بولۇپ قالماقتا. ھەربىر پارتىيەلىك كادىرنىڭ بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، باشتىن-ئاخىر خەلقتىن ئەيمىنىش، ھوقۇقتىن ئەيمىنىش، «ھوقۇقنى خەلق بېرىش، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىش»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئومۇم بىلەن شەخسنىڭ چەك-چېگراسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئومۇمنىڭ ھوقۇقىنى شەخسىي ئىشقا ئىشلىتىش خاتالىقىدىن ساقلىنىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ