شى جىنپىڭ خې يىچېڭنىڭ خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى

خەن جېڭ قاتناشتى

2021.01.28 18:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭنىڭ 2020-يىللىق خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ۋىدېيو ئارقىلىق ئاڭلىدى. خې يىچېڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدىكى خىزمەتلىرى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ھەققىدە دوكلات بەردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئېھتىياجى بىلەن، بۇ قېتىم سىزنىڭ 2020-يىللىق خىزمىتىڭىزدىن بەرگەن دوكلاتىڭىزنى ۋىدېيو ئارقىلىق ئاڭلىدىم. 2020-يىلى سىز ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشنى ياخشى باشلىغان بىر يىل بولدى. تۇيۇقسىز پەيدا بولغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، سىلەر تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقۇمنى تېزگىنلىدىڭلار، ئاۋمېندا ھازىرغىچە ئۇدا 300 كۈندىن ئارتۇق يېڭىدىن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار كۆرۈلمەي، ئاۋمېن شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ يۈكسەك ماختىشىغا ئېرىشتىڭلار. سىلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئىجابىي ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، ئاۋمېن جەمئىيىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈردۈڭلار. مەركەز سىز ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركەز ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ بەخت-سائادىتىگە، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتىغا باشتىن-ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. بىز ئاۋمېننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلىشىنى داۋاملىق پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايمىز، ئاۋمېننىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا دائىر قانۇن ـ تۈزۈم ۋە ئىجرا مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى، ئاۋمېن ئىقتىسادىنىڭ مۇۋاپىق، كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىنى، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىپ، ئاۋمېنچە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىنى قوللايمىز.

  خې يىچېڭ مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ ئاۋمېنغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. مەن ئاۋمېن جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھە ئەربابلىرىنى داۋاملىق ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمدىكى مەسئۇلىيىتىمنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، دۆلەتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە دۆلەتنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە جىپسىلىشىپ، ئاۋمېنچە ئالاھىدىلىككە ئىگە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمەن.

  خەن جېڭ، دىڭ شۆشياڭ، گو شېڭكۈن، يوۋ چۈەن، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ