مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا لىنجېڭ يۆئې، خې يىچېڭنىڭ خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى

خەن جېڭ قاتناشتى

2021.01.28 18:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 1-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭنەنخەيدىكى زىگۇاڭ زالىدا سىنلىق ئۇلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئېنىڭ 2020-يىللىق خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى. لىنجېڭ يۆئې شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمىتى ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى دوكلات قىلدى.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2020-يىلى شياڭگاڭغا نىسبەتەن خىرىسقا تولغان بىر يىل بولدى. «نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش بوھرانى»، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشى قاتارلىق پايدىسىز ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، شياڭگاڭنىڭ ئىقتىسادىدا چېكىنىش كۆرۈلدى، نۇرغۇن كەسىپلەر كاساتلاشتى، قىسمەن شەھەر ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشى قىيىنلاشتى. مۇرەككەپ، كەسكىن ئىچكى-تاشقى مۇھىت ئالدىدا، سىز ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنى يېتەكلەپ، تىرىشىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ-تىزگىنلەپ، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، جەمئىيەتنى مۇقىملاشتۇردىڭىز ھەم مەركەزنىڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللىشىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، شياڭگاڭنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولدىڭىز. مەركەز سىز ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەركىزىي ھۆكۈمەت «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش مەمۇرنىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتىنى يېتەكلەپ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ساقلايدۇ. ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ جىددىي ئېھتىياجىغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، شياڭگاڭنىڭ خاس ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشىدا ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لىنجېڭ يۆئې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2020-يىلى شياڭگاڭنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، شياڭگاڭ ئىقتىسادىدا چېكىنىش كۆرۈلدى، لېكىن شەھەرنىڭ يۈرۈشۈشى نورمال، پۇل مۇئامىلە بازىرى مۇقىم بولدى. مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە ۋە قوللىغىنىغا رەھمەت. يېڭى بىر يىلدا، ئالاھىدە رايونلۇق ھۆكۈمىتى داۋاملىق تىرىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە، سودا، سۇ تىرانسپورتى مەركىزىلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، خەلقئارا يېڭىلىق يارىتىش پەن-تېخنىكا مەركىزى قۇرىدۇ.

  شياۋ جيې، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 1-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭنەنخەينىڭ زىگۇاڭ زالىدا سىنلىق ئۇلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭنىڭ 2020-يىللىق خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى. خې يىچېڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمىتى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى دوكلات قىلدى.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن بىر يىلدا، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مىسلىسىز ئېغىر زەربە بولدى، سىز ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى بىر قاتار كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، قاراتمىلىق سىياسەتلەرنى ۋاقتىدا چىقىرىپ ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلدىڭىز ھەم يۇقۇم مۇقىملاشقاندىن كېيىن پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، گۇاڭدۇڭ-ئاۋمېن ھەمكارلىق تۈرلىرىنى تېزلىتىپ، ئاۋمېننىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدىڭىز. مەركەز سىز ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەركىزىي ھۆكۈمەت «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش مەمۇرنىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتىنى يېتەكلەپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ. ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق، كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىنى تۇتاشتۇرىدىغان خاس ئەۋزەللىكتىن ياخشى پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە سىڭىشىشتە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  خې يىچېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2020-يىلى ئاۋمېنغا نىسبەتەن ئىنتايىن جاپالىق ۋە ئالاھىدە بىر يىل بولدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئاۋمېن ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بەردى، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشى ئاستىدا، ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى بىر قاتار يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلىدى. يېڭى بىر يىلدا، ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى پائال جىپسىلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاۋمېننىڭ تەرەققىياتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدۇ.

  شياۋ جيې، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ