مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقىرىدىكىلەرنى ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەتنى ئەلا بىلگەندىلا ئاندىن «ئاقنانچى كادىر»لارنى تازىلىغىلى بولىدۇ

2021.01.29 20:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «يۇقىرىدا مىڭ تال يىپ بولسا، تۆۋەندە بىر تال يىڭنە بار»، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى، جاپالىقلىقى ھەممىگە ئايان، لېكىن جاپا بىلەن ھالاۋەت تەكشى بولماسلىق ھادىسىسىمۇ ئوبيېكتىپ مەۋجۇت. بەزى تاراتقۇلارنىڭ يېقىندا تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىشىچە، ئاساسىي قاتلامدىكى بەزى ئورگان ۋە ئورۇنلاردا جاپا-مۇشەققەتتىن، تاپا-تەنىلەردىن قورقمايدىغان كادىرلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلىسىمۇ، ئەمما بىرەر ئىشقا يولۇقسىلا «قىلىشنى ئۇقمايمەن» دەپ تۇرىدىغان، ھەممە ئىشنى باشقىلارغا ئىتتىرىدىغان «ئاقنانچى كادىر»لارمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن، يەنە بەزىلىرى ئىش قىلماي سۆزلەشكە ئامراق ئىكەن، بولۇپمۇ باشقا يولداشلارنىڭ خىزمەتتىكى نەتىجە-سەۋەنلىكلىرىگە باھا بېرىشنى ياخشى كۆرىدىكەن.

  بىرەر ئىشقا يولۇققاندا «قىلىشنى ئۇقمايمەن» دېيىش قارىماققا ئىقتىدار مەسىلىسىدەك كۆرۈنسىمۇ، چوڭقۇر قاتلامدىن قارىغاندا پوزىتسىيە مەسىلىسى، ئىستىل مەسىلىسىدۇر. قول تۇتىدىغان خىزمەت ئالدىدا، بىر ئېغىز «قىلىشنى ئۇقمايمەن» دېگەن سۆز بىلەنلا «تۆشۈك»ىگە مۆكۈنۈۋېلىپ، بەخىرامان كۈن ئۆتكۈزەلەيدۇ. لېكىن مەسىلە شۇ يەردىكى، «ئۇقمىسا» ئۆگىنىش تېخىمۇ زۆرۈر، خىزمەت ئورنىدا بولغان ئىكەن چوقۇم ئىشلىشى كېرەك، ئاساسىي قاتلامدا ئادەم كۈچى ئەسلىدىنلا قىس، «بۇ ئىش مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز»، دەپ ئۆزىنى «تاختىبېشى»غا ئېلىپ قويىدىغانلار كۆپ بولۇپ كەتسە، خىزمەتنى قانداق قانات يايدۇرغىلى بولىدۇ؟ ئاخىرىدا، ئىشلىمەيدىغانلار بارغانسېرى ئىشلىيەلمەيدۇ، قولىدىن ئىش كېلىدىغانلار بارغانسېرى چارچايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، «قىلىشنى ئۇقمايمەن» دەيدىغان بەزى كىشىلەرنىڭ ئىش قىلىش ئىقتىدارى يوق، لېكىن پۇرسەتپەرەسلىك، خۇشامەتچىلىك، تەخسىكەشلىك قىلىش، قىلغانلارنىڭ ئىشىنى «باھالاش»تەك ئېغىز ماھارىتى خېلىلا ياخشى، بەزىلىرى ھەتتا مۇشۇ سەۋەبتىن «تەلىيى» كېلىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇنداق «تەتۈر شاللاش» باش كۆتۈرگەن ھامان، ئاساسىي قاتلامنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ھورۇنلۇق، چېچىلاڭغۇلۇق، پۇرسەتپەرەسلىك شامىلىنى ئاۋۇتۇۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن قەتئىي ئاگاھ بولۇش كېرەك.

  ئىشچانلارنى مۇكاپاتلاش، ھۇرۇنلارنى جازالاش − بۇ ئىنتايىن چۈشىنىشلىك قائىدە، لېكىن مەن نېمە ئۈچۈن «قىلىشنى ئۇقمايمەن» دەۋېلىش ھادىسىسىنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇش بوشلۇقى بار؟ بۇنىڭدا بەلكىم باھالاش ۋە شاللاش مېخانىزمىنىڭ تېخى ئەمەلىيلەشمىگەنلىكى مۇھىم بىر سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. «ناقابىللار ھوقۇقتىن چۈشىدۇ، ناچارلار شاللىنىدۇ»، مەركەز «ھوقۇقتىن چۈشۈرۈش» ئۆلچىمىنى كۆپ قېتىم ئايدىڭلاشتۇرۇپ، «ھوقۇقتىن چۈشۈرۈش» ئۇسۇلىنى قېلىپلاشتۇردى. لېكىن، ئەمەلىيەت داۋامىدا «ياخشى ئىشلىيەلمەيدىغان»، ئەمما «ھوقۇقتىن چۈشەلمەيدىغان» ئەھۋاللار يەنىلا مەۋجۇت، كەڭچىلىك قىلىش، يۇمشاق قوللۇق قىلىش سەۋەبلىك تۈزۈملەر ئىجرا قىلىنماي كەلمەكتە. «كۆپ ئىشلىگەن بىلەن ئاز ئىشلىگەن ئوخشاش» بولۇش سەۋەبلىك «قىلىشنى ئۇقمايمەن» دەيدىغانلاردا بېسىم يوق بولماقتا. «ھوقۇقتىن چۈشۈش»كە تېگىشلىكلەر «چۈشەلمىگەن»دىن باشقا، «يۇقىرىغا ئۆرلەش» يوللىرىمۇ مۇكەممەل ئەمەس، ئىلمىي ئەمەس. نۇرغۇن تارماق، ئورۇنلارنىڭ خىزمىتى كەسپىي تېخنىكىغا چېتىلمىغاچقا، ئوبيېكتىپ، بىتەرەپ باھالاش ئۆلچىمى كەمچىل، ياخشى ئىشلىگەن-ئىشلىمىگەنلىكتە يۇقىرىنىڭ بىر تال خېتى، بىر ئېغىز سۆزى ئىنتايىن مۇھىم. «يۇقىرىدىكىلەرنى ئەلا بىلىش» ئىستىلى ئاستىدا، بىر قىسىم «گېپى چىرايلىق»، «باشلىق بىلەن چىقىشىپ ئۆتىدىغان» كىشىلەر پايدا ئالدى، شۇنداقلا ھەقىقىي باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەيدىغان كادىرلارنى زىيانغا ئۇچراتتى.

  «ئىش قىلمىغانلاردا، ئازراقمۇ ماركسىزم يوق.» ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەشتىكى قىزغىن كەيپىياتىنى قوغداش ئۈچۈن، «كىتابقىلا، يۇقىرىدىكىلەرگىلا ئەھمىيەت بېرىش ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش»تەك باھالاش مېخانىزمى ھەمدە «يۇقىرىغىمۇ چىقالايدىغان، تۆۋەنگىمۇ چۈشەلەيدىغان، ئەلالىرى ئىلگىرىلىيەلەيدىغان، ناچارلىرى چېكىنىدىغان» شاللاش مېخانىزمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. «ئەمەلىي» دېگەن نېمە؟ پۇقرالارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى دەل ئەڭ چوڭ «ئەمەلىي نەتىجە»، پۇقرالارنىڭ ئالقىشى دەل ئەڭ ياخشى باھالاش ئۆلچىمىدۇر. كادىرلارنى باھالاشتا، كۆپ ئاڭلاش، كۆپ سوراش، كۆپ كۆرۈش ئەڭ مۇھىم، مەسىلە بايقالغان ھامان، ئاخىرغىچە سۈرۈشتۈرۈش، «قارا يۈز» بولۇشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك. بۇ جەھەتتە ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، ۋەزىپىسىنى تۆۋەنلىتىش، خىزمەتتىن بوشىتىش قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىدىن باشقا، جايلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ «جان ئالغۇچ ماھارىتى»نى تېپىپ چىقتى. مەسىلەن، «پۇل» جەھەتتە كۈچەپ، ئەھۋالنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ «ئىش قىلمايدىغانلار»نىڭ ئۈنۈم مۇكاپاتىنى تۇتۇپ قېلىش؛ يەنە مەسىلەن، «قايتۇرۇپ كېلىش» تەدبىرىنى قوللىنىپ، «ھۇرۇن ئەمەلدارلار» ئۈچۈن مەخسۇس ئۆگىنىش كۇرسى ئاچتى. بۇ تەدبىرلەر قاتتىق ئىجرا قىلىنغاچقا، ھەممىسى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  «ھەر بىر رەھبىرىي كادىر ھەرگىزمۇ ئەمەل قالپىقىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزى ئۈچۈن ‹ئەمەل تۇتۇش› ئەمەس، بەلكى ئەمەل قالپىقىنى كىيىپ، خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىشى لازىم.» پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەيلى قايسى ئىش ئورنىدا بولسۇن، ھەرقانداق ۋەزىپە ئۆتىسۇن، «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» ئۆزگەرمەس ئەسلىي مەقسەتتۇر. ئاتالمىش «راھەت رايون»غا يوشۇرۇنۇۋېلىش قىزغىنلىقنى ئىسراپ قىلىپ، ھېچقانداق نەتىجە چىقارمايدۇ. روھنى تۇرغۇزۇپ، بەدەننى چۆكتۈرۈش − مانا بۇ كەسپىي ئىنتىلىش، شۇنداقلا ئادەم بولۇش مەنزىلىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ