خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 27-كۈنى زۇڭتۇڭ مارسېلو دې سوساغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ پورتۇگالىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇلتۇردىن بۇيان، جۇڭگو-پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتى يۇقۇمنىڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى يېڭى ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە سەھىيە ھەمكارلىقىدا يېڭى قەدەم تاشلاندى، ئەمەلىي ھەمكارلىقتا داۋاملىق يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى. مەن جۇڭگو-پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ دې سوسا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو-پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ