مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورىنىڭ «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»كە قارىتا يۈرۈشلۈك ئوبزورلىرىنىڭ بىرىنچىسى: ئامما قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ

2021.02.02 19:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  مۇھىت ئاسراش تەكشۈرۈشىنى كۈتۈۋالغاندا، «ئاۋۋال توختىتىپ، ئاندىن بىر گەپ بولسۇن» دېيىش؛ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، «تاقاپلا بولدى قىلىش»؛ پاكىز ئىسسىنىشنى تەشەببۇس قىلغاندا، «كۆمۈرنى مەجبۇرىي مەنئى قىلىش»؛ مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىشتا، «ھەممە ۋىۋىسكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش»... يېقىندا، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»تەك خىزمەت ئۇسۇلى ئايرىم جاي ۋە ساھەلەردە باش كۆتۈردى، بۇنىڭغا قارىتا كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇپ، ئاممىۋىي پىكىرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

  بۇ تەدبىرلەر كۆپ ھاللاردا «يۇقىرىنىڭ تەلىپى» دېگەن بايراقنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، سىياسىي جەھەتتىن توغرا بولۇشتەك قىياپەتتە نامايان بولىدۇ، تۆۋەندىكىلەر ئامالسىز بويسۇنىدۇ ۋە قۇبۇل قىلىدۇ. «قارىماققا زۇكام بولۇپ قىزىپ قالغاندەك قىلسىمۇ، لېكىن مەسىلىنىڭ يىلتىزى بولسا بەدەن مېخانىزمىدىن مەسىلە چىقىشتۇر.» ئەمەلىي ئۈنۈم تەلەپ قىلمايدىغان، ۋەزىپىنى ئورۇنلاشنىلا كۆزلەيدىغان، قارىماققا چاقماقتەك چاققان ئىش قىلىدىغان بۇنداق ئۇسۇل ئەمەلىيەتتە يۇقىرىنىڭ سىياسىتىنى ئوبدان ئۆزلەشتۈرەلمىگەنلىكتۇر.

  ئاق-قارىنى ئايرىماسلىق، ئەمەلىي ئەھۋال بىلەن كارى بولماسلىق، ئوبيېكتىپ شارائىت بىلەن كارى بولماسلىق، بىردەك قېلىپلاشقان، ماشىنىلاشقان، ئاددىي خىزمەت ئۇسۇلىنى قوللىنىش كۆپ ھاللاردا سىياسەتنىڭ ئەسلىي مەقسىتىگە خىلاپ. بۇنداق قىلىش سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ خىزمەت ئاكتىپلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، نۇرغۇن ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچنى ئىسراپ قىلىپلا قالماي، يەنە پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتىنى خورىتىۋېتىدۇ.

  تەدبىرلەرنى تېخىمۇ توغرا قىلغىلى بولسىمۇ، لېكىن رېئال مەسىلىلەر بىلەن پۈتۈنلەي كارى بولماسلىق؛ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار «مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش»نى قايتا-قايتا تەلەپ قىلسىمۇ، لېكىن ھۆججەتنى تۆۋەنگە تارقىتىپ قويۇپلا مەسئۇلىيەتنى تۆۋەنگە ئىتتىرىپ، تارقىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش دەپ قاراش؛ ئادىمىيلىك جەھەتتىن كۆپرەك ئويلىشىشقا بولسىمۇ، لېكىن مەسئۇلىيەتتىن قېچىش ئۈچۈن، قەستەن قاتمۇقات ئۆتكەل تەسىس قىلىش... بۇنداق قىلمىشلار كۆپىيىپ كەتسە، مەسئۇلىيەتتىن قانداقمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟ ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتىن قانداقمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟ ئىجادىي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن قانداق ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟ تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، بۇلار يەنىلا تىپىك شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق، ھۇرۇنلۇق، بوشاڭلىق، چاكىنىلىقنىڭ ئىپادىسى.

  «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» ئۇسۇلى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەلىپى بىلەن زادى سىغىشالمايدۇ، بۇنىڭغا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» ھادىسىسىنى تۈزەشتە، بىز ئۇنىڭ زىيىنىنى كۆرۈپلا قالماي، يەنە قاتتىق كۈچ سەرپ قىلىپ، بۇ ھادىسىلەر يۈز بېرىشنىڭ يىلتىزىنى تېپىپ چىقىشىمىز، مەسىلىنى تېخىمۇ ئىنچىكە، تېخىمۇ تولۇق ئانالىز قىلىشىمىز لازىم، شۇنداق قىلغاندىلا ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ