مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش لازىم

2021.02.01 18:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  مائارىپ گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، مائارىپ كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىللىق كەلگۈسى نىشانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەكلىپ» دېيىلىدۇ)دە «يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش»نىڭ سىياسەت يۆنىلىشى ۋە نىشان-ۋەزىپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش − «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىچكى تەلىپىدۇر.

  پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش لازىم. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، پارتىيە − ئالىي سىياسىي رەھبىرىي كۈچتۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش − مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى.» «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىدا يېڭى، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، «14-بەش يىل» مەزگىلىدە يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا پۇختا ئاساس سالالىشىمىزدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى، بىز باشتىن-ئاخىر پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇردۇق، مائارىپ سىستېمىسى باشتىن-ئاخىر پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان مۇستەھكەم بازا بولۇپ كەلدى.

  «14-بەش يىل» مەزگىلىدە، مائارىپ سىستېمىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئومۇمىي تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنى يەنىمۇ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ