مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپتا «چېچەن پاكىز» بولۇش مۇۋاپىق ئەمەس

2021.02.01 18:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «پۇتىغا پاختىلىق چاپان يېپىۋالغان»، «دەرس ۋاقتىدا دىققىتىنى يىغمىغان»، «توختىماي ئەسنىگەن»... مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، خېنەن خېبى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى تولۇق 3-يىللىقىدىكى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار يېقىندا شۇ يىللىقنىڭ ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بويىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. بۇ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنى بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئېتىراپ قىلمىدى، نۇرغۇن تورداشلارمۇ بەس-بەستە گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خېبى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ئارقىدىن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ: بۇ ئىشتا ئۇسۇل مۇۋاپىق بولماسلىق، باشقۇرۇش قېلىپلاشماسلىق مەسىلىسى مەۋجۇت، مەكتەپنىڭ تۈرلۈك باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئۆزگەرتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى توسىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناچار ئادەتلىرىنى قاتتىق باشقۇرۇشى ئەسلىدە مەكتەپنىڭ مەسئۇلىيىتى، شۇنداقلا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئارزۇسى بولسىمۇ، لېكىن خېبى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ 3-يىللىقىدىكىگە ئوخشاش ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزى ئۇششاق-چۈششەك ھەرىكەتلىرىنى چوڭ مەسىلە دەپ قاراپ، تەربىيە بېرىشى ئەمەلىيەتتە مائارىپتىكى «چېچەن پاكىزلىق»قا گىرىپتار بولغانلىق بولۇپ، قاتتىق باشقۇرۇش چەكتىن ئېشىپ كېتىش، ئادىمىيلىكتىن چەتنەپ كېتىشتۇر. بۇ، مائارىپ قارىشىنىڭ قالاقلىقى، باشقۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ قوپاللىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بولۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئادەمنى ئاساس قىلىش مائارىپىغا بولغان تونۇشىدىن چەتنەپ كېتىدۇ.

  مائارىپتا «چېچەن پاكىز» بولۇش مۇۋاپىق ئەمەس. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزى ناچار خاھىشلىرىغا قارىتا ئەسكەرتىش، تەربىيە بېرىش، مۇۋاپىق يېتەكلەشكە تامامەن بولىدۇ، پىرىنسىپقا سېلىش، تورغا چىقىرىپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بويىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. مەكتەپلەر «نېمىنى باشقۇرۇش»، «قانداق باشقۇرۇش»قا كەلسەك، دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ قانۇنى قاتارلىق قانۇن-نىزاملىرىدىمۇ ئېنىق بەلگىلىمە بار. مائارىپ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ قانۇنىيىتى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان ساغلام كىشىلەرنى تەربىيەلەش كېرەك، ھەرگىزمۇ جازالاشقا تايىنىپ گەپ ئاڭلايدىغان ماشىنا ئادەم ياساشقا بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ