مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 27-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2021.02.01 19:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا 27-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى سىستېمىلىق بىر نەزەرىيە سىستېمىسى بولۇپ، تەرەققىياتنىڭ مەقسىتى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، شەكلى، يولى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى بىر قاتار نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە جاۋاب بەردى، پارتىيەمىزنىڭ تەرەققىيات توغرىسىدىكى سىياسىي مەيدانى، قىممەت يۆنىلىشى، تەرەققىيات ئەندىزىسى، تەرەققىيات يولى قاتارلىق مۇھىم، زور سىياسىي مەسىلىلەرنى شەرھلىدى. پۈتۈن پارتىيە جەزمەن يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  بۇ قېتىمقى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۆزلۈكىدىن ئۆگەندى ھەم خىزمەت تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى، يولداش ليۇ خې، سۈن چۇنلەن، خۇ چۇنخۇا، سەي چى مەسئۇل بولۇپ باشقۇرىدىغان ساھە ۋە يەرلىكنىڭ خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ سۆز قىلدى، كۆپچىلىك پىكىر ئالماشتۇردى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل «14-بەش يىل» باشلانغان يىل، شۇنداقلا پارتىيەمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى ياخشى بېسىش ئىنتايىن مۇھىم. بىرىنچى قەدەمنى توغرا بېسىپ، پۇختا بېسىپ، يېڭى كەيپىيات يارىتىپ، يېڭى نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى بىر پۈتۈن گەۋدە، ئىجادىي تەرەققىيات، ماس تەرەققىيات، يېشىل تەرەققىيات، ئوچۇق تەرەققىيات، ھەمبەھرە تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى ماسلاشتۇرۇپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك. مەيلى مەركەز قاتلىمىدىن بولسۇن ياكى تارماقلار قاتلىمىدىن بولسۇن، مەيلى ئۆلكە دەرىجىلىك قاتلامدىن بولسۇن ياكى ئۆلكىدىن تۆۋەن ھەر دەرىجىلىك قاتلامدىن بولسۇن ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا تولۇق ئىگىلەپ، دەل جايىدا چۈشىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ پۈتۈن جەريانى ۋە ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. ئاساسىي زىددىيەت ۋە زىددىيەتنىڭ ئاساسىي تەرىپىنى تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. خىزمەت جەريانىدا ئىجادىي تەرەققىيات، ماس تەرەققىيات، يېشىل تەرەققىيات، ئوچۇق تەرەققىيات، ھەمبەھرە تەرەققىياتنىڭ ھەممىسىگە ئېتىبار بېرىپ، ماسلىشىپ كۈچ چىقىرىدىغان، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرىدىغان قىلىش كېرەك، بىرسىگە سەل قاراپ، بىرسىگە ئېتىبار بېرىشكە، بىر تەرەپلىمىلىكنى بىر پۈتۈنلۈك دەپ قاراشقا بولمايدۇ. مەركەز قاتلىمىدىن ئېيتقاندا پىلانلاش، لايىھەلەش، ماكرولۇق يېتەكچىلىك قىلىش، سىياسەت، قانۇن، مالىيە سېلىنمىسى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى ياخشى تۇتۇپ، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەتتىن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى تارماقلار ھەم ئۆز ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتى بويىچە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ ئۆز تارمىقىغا چېتىلىدىغان نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى تۇتۇشى، ھەم ئۆز تارمىقى خىزمىتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى رولى ۋە تەسىرىنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىشى كېرەك. ھەرقايسى رايونلار ئۆز شارائىتى ۋە ئىمكانىيىتىگە ئاساسەن ھەم يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشى، ھەم كەمتۈكلۈكلەرنى، ئاجىز تۈرلەرنى تۇتۇش ئارقىلىق مۇھىم نۇقتىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قارىسىغا ئىشلىمەسلىكى، تېخىمۇ مۇھىمى سىياسىي نەتىجە يارىتىش ئۈچۈن شارائىتقا قارىماي ھەممىنى قىلىشنى ئويلىماسلىقى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردۇق، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا جەزمەن ئورتاق بېيىش مەسىلىسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى تېخىمۇ يىراق نىشاننى كۆزلەپ ئورتاق بېيىشنى پىلانلاپ، «ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىشتا تېخىمۇ روشەن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش» نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئورتاق بېيىشنىڭ ئۆزى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىر مۇھىم نىشانى. بىز باشتىن-ئاخىر خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى قاندۇرۇشنى تەرەققىياتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا بۇ مەسىلىنى ئۈزلۈكسىز، تەدرىجىي ياخشى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. رايون پەرقى، شەھەر-يېزا پەرقى، كىرىم پەرقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئاڭلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەل قىلىپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، كىرىم تەقسىماتى، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش، تۇرالغۇ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، بالىلارنى بېقىش قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، يېزا، ئاساسىي قاتلام، تەرەققىي تاپمىغان رايونلارغا مايىللىشىشقا، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا مايىللىشىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن پۈتۈن خەلققە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈشىمىز كېرەك. پۈتۈن خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىر تۈرلۈك ئۇزاق مەزگىللىك ۋەزىپە، شۇنداقلا بىر تۈرلۈك رېئال ۋەزىپە، جەزمەن تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تېخىمۇ پائال نەتىجە يارىتىدىغان تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا ھەم يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش، يېتەكلەش، ھەم ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى تۈزۈلمە-مېخانىزم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسلىق ساھەلىرىدىكى ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي گەۋدە رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلدى، ھازىر كۈچەش نۇقتىسىنى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، دەل جايىدا تەدبىر يۈرگۈزۈشنى كۈچەيتىشكە قارىتىش كېرەك. ھازىر بار بولغان ئىسلاھات ئاساسىدا، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا قويۇپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، تەڭپۇڭ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاش، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ھەمبەھرە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چۆرىدەپ داۋاملىق تۈردە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات لايىھەسىنى تېخىمۇ دەل جايىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈزۈم سىستېمىسىنى تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا جەزمەن سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن تەپەككۇر قىلىش، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك پىلانلاش، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر پۈتۈن گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىشنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەۋقەنى دۆلەت ئىچىگە قويۇپ، دۇنياغا نەزەر سېلىپ، چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ دۆلىتىمىزگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى چوڭقۇر تونۇپ ھەم ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاش، ھەم ئۆزگىرىشكە پائال ماسلىشىشقا ماھىر بولۇش، ھەم زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىش، ھەم يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىش، ئىچكى تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتا كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، كۆلەملىك سىرتتىن كىرىش ۋە قايتا كۆرۈلۈش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارنى ئالدىن كۆرۈش ۋە ئالدىن ھۆكۈم قىلىشقا ماھىر بولۇپ، تۈرلۈك «قارا قۇ»، «كۈل رەڭ كەركىدان» ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ياخشى ئىشلەپ، تەرەققىياتنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ خىزمەت تەلىپى، شۇنداقلا ئىنتايىن مۇھىم سىياسىي تەلەپ. ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولغانسېرى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە شۇنچە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەلىپىنى خىزمەتتە شۇنچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكتە تۇرغاندىلا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور سىياسەت، فاڭجېنلىرى ۋە تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تېخىمۇ تولۇق ئۆزلەشتۈرگىلى، خىزمەتلەرنى ئىشلىگەندە تېخىمۇ ئالدىن كۆرەرلىك ۋە تەشەببۇسكارلىققا ئىگە بولغىلى بولىدۇ. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى»نى كۆڭلىگە پۈكۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلەرنى پىلانلاش، مۇھىم، زور سىياسەتلەرنى تۈزۈش، مۇھىم، زور ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، مۇھىم، زور خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش ئەمەلىيىتىدە گەۋدىلەندۈرۈشى، دائىم قانۇن-نىزامغا توغرىلىنىپ، ئۆلچەمگە توغرىلىنىپ، پەرقلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار ناھايىتى كۈچلۈك مەسئۇلىيەت ئېڭى بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇشى، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشى، مەيلى قانداق ۋاقىتتا بولسۇن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى، ئېغىر يۈكنى بىلىپ تۇرۇپ زىممىگە ئېلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ بولسىمۇ قىلىشى كېرەك؛ زىممىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاتاكىدا ئالدىغا ئۆتۈپ، خەۋپ-خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ بولسىمۇ زىممىگە ئېلىشى كېرەك. مەسىلىنى بايقىسا، مەسىلىنىڭ بىخ ئۇچىنى بايقىسا ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى، بىخۇدلۇق قىلماسلىقى، مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر تۈرلۈك خىزمەت مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام چىڭىتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى سەپلەر، ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەر ۋەزىپىنى سادىقلىق بىلەن تولۇق ئادا قىلىشى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ياخشى جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ