مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىستېما قارىشىنى ئىلمىي ئىگىلەش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش لازىم

(پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك)

2021.02.03 19:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا «سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇش» دۆلىتىمىزنىڭ «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم پىرىنسىپ قىلىندى. بۇ، سىستېما قارىشىدىن ئاڭلىق پايدىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ رېئال تەخىرسىزلىكى ۋە ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشى ۋە ئۇنى ئىگىلىشىنىڭ يېڭى مەنزىلگە يەتكەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇش، شەيئىلەرنى سۇبيېكتىپ ئەمەس بەلكى ئوبيېكتىپ، تۇرغۇن ئەمەس بەلكى تەرەققىي قىلىۋاتقان، بىر تەرەپلىمە ئەمەس بەلكى ئومۇميۈزلۈك، تارقاق ئەمەس، بەلكى سىستېمىلىق، يەككە-يېگانە ئەمەس، بەلكى ئومۇميۈزلۈك باغلىنىشلىق ھالدا كۆزىتىش − ماركسىزملىق ماتېرىيالىستىك دىيالېكتىكىنىڭ ئىچكى تەلىپىدۇر. ئېنگېلس مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «بىز تەبىئەت دۇنياسىنى ياكى ئىنسانىيەت تارىخىنى ۋە ياكى ئۆزىمىزنىڭ مەنىۋى پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇر ئويلىنىپ كۆزەتكىنىمىزدە، ئالدى بىلەن كۆز ئالدىمىزدا خىلمۇخىل باغلىنىشلار ۋە ئۆزئارا تەسىرلەر چەكسىز گىرەلىشىپ كەتكەن كۆرۈنۈش نامايان بولىدۇ.»

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن-ئاخىر ماركسىزملىق ماتېرىيالىزملىق دىيالېكتىكىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشلارنى باشتىن-ئاخىر بىر سىستېما سۈپىتىدە تونۇپ، ئىگىلەپ، پىلانلاپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ھەم ئاساسىي زىددىيەت ۋە زىددىيەتنىڭ ئاساسىي تەرىپىنى تۇتۇش، ھەم سىستېمىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە ئېتىبار بېرىش، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشكە، ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشنى تەكىتلىدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز سىستېما قارىشى ۋە سىستېما ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ماس ئىلگىرى سۈردى. چىگىش، مۇرەككەپ ۋەزىيەت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ۋەزىپە ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش − بىر تۈرلۈك مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاشنى كۈچەيتىشكە، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنىڭ باغلىنىشچانلىقى، سىستېمىلىقلىقى، مۇمكىنلىك تەتقىقاتىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ» دەپ كۆرسەتتى ھەمدە «ئومۇمىيەت بىلەن قىسمەنلىكنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، ماھىيەتتىن تۈزەش بىلەن ھادىسىدىن تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈش، تەدرىجىي ئىلگىرىلەش بىلەن بۆسۈشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىش بىلەن نۇقتىلىق بۆسۈشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش»نى تەكىتلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ