لى كېچياڭ دۆلىتىمىزدىكى چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر بىلەن چاغانلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

2021.02.03 20:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 2-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا جۇڭگودا خىزمەت قىلىۋاتقان چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

  لى كېچياڭ ئالدى بىلەن جۇڭگودىكى چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ۋە جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنى قوللىغان خەلقئارادىكى بارلىق دوستلارغا بايراملىق سالام يوللىدى ۋە ياخشى تىلەك تىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك سىرتقا ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، تۈركۈملىگەن چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ زامانىۋىيلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى تۆھپە قوشتى، جۇڭگو خەلقى بۇنىڭدىن مىننەتدار. چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىگە پىكىر-تەكلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىش − ئىلمىي، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، شۇنداقلا دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىشقا پايدىلىق.

  ئامېرىكا، ئىتالىيە، سىنگاپور، نېپال، ئەنگلىيە، فىرانسىيەدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مۇھىت ئاسراش، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ پىكىر-تەكلىپ بەردى.

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە ئېغىر زەربە بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بىرلىكتە تىرىشىشى ئارقىلىق، جۇڭگو ئىقتىسادىدا ئاسانغا توختىمىغان نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پۈتۈن يىلدا مۇسبەت ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇنىڭ ئۈچۈن چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر پائال تۆھپە قوشتى. بىز يۇقۇمنىڭ زەربە بېرىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئاساسلىقى بازار سۇبيېكتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، ماكرولۇق سىياسەتنى دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ ھەم ۋاقتىدا كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، ھەم «ئۇلۇغ سۇ بىلەن باستۇرۇپ سۇغىرىش» بىلەن شۇغۇللانماي، ئىقتىسادنى بىر قەدەر تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاساسلىقى بازارنىڭ كۈچى ۋە بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىگە تاياندۇق، بۇمۇ جۇڭگونىڭ مۇۋاپىق سىياسەت ئارقىلىق، بىر قەدەر ياخشى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يەنىلا مۇرەككەپ ۋە كەسكىن بولغان ئىچكى ۋە تاشقى ۋەزىيەت ۋە نۇرغۇن قىيىن جەڭ ئالدىدا، بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى داۋاملىق بىر تۇتاش پىلانلاپ، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى، مۇقىملىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلايمىز.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، بازار يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنە ئۇزۇن يول مېڭىشىمىز لازىم. بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىشقا تايىنىپ، بازار بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىمىز. جۇڭگو ھۆكۈمىتى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان بارلىق ئىلغار ئىلمىي ئىدىيە ۋە تەتقىقات ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىمىز. تېخىمۇ كۆپ چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قىزغىنلىق بىلەن جۇڭگوغا كېلىپ خىزمەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز، جۇڭگو ھۆكۈمىتى چەت ئەللىك ئىختىساسلىقلىرىنى قوبۇل قىلىشتىكى تۈزۈم سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۇرۇپ، چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ جۇڭگودىكى خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئىشلىرىغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلى ليۇ خې، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، قوشۇمچە گوۋۇيۈەن باش كاتىپى شياۋ جيې، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات مىتېتىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىدا ئېيتىلغان پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ