مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە تەلەپنى قاتلاممۇ-قاتلام كۆپەيتكەنلەرنى جەزمەن قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك

2021.02.03 18:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا، بەزى جايلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە «ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تەلەپنى كۆپەيتىش»، «قاتلاممۇ-قاتلام تەلەپنى كۆپەيتىش»، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلدى، بۇنىڭغا قارىتا، جەزمەن قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  2-ئاينىڭ 1-كۈنى، خېيلۇڭجياڭدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق تىپىك مەسىلىسىدىن ئۈچى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، جاۋجوۋ ناھىيەسى تەۋەلىكىدە يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن ئەھۋالدا، دۆلەت ئىچىدىن جاۋجوۋغا قايتىپ كەلگەنلەرگە قارىتا «21 كۈن مەركەزلىك ئايرىش + يەتتە كۈن ئائىلىدە ئايرىش، خىراجەتنى ئۆزى ئۈستىگە ئېلىش»تەك باشقۇرۇش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى قوللىنىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە تەلەپنى خالىغانچە كۆپەيتىپ، خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كەلمەيدىغان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، ناچار تەسىر پەيدا قىلغانلىقتىن، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ ئېنلۇڭ قاتارلىقلارغا تەنقىد-تەربىيە بېرىلدى ياكى ئاگاھلاندۇرۇش سۆھبىتى قىلىندى، جاۋجوۋ ناھىيەلىك پارتكوم داچىڭ شەھەرلىك پارتكومغا يازما تەكشۈرۈش تاپشۇردى؛ جاۋدۇڭ شەھىرى تەۋەلىكىدە يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن ئەھۋالدا، كىشىلەرنىڭ پويىزغا ئولتۇرۇپ ۋە قۇرۇقلۇق يولى ئېغىزى ئارقىلىق جاۋدۇڭغا كىرىشىنى چەكلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ»، ئامما ئارىسىدا ۋەھىمە پەيدا قىلدى، شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ ۋېيجى قاتارلىقلار تەنقىد-تەربىيەگە ئۇچرىدى، جاۋدۇڭ شەھەرلىك پارتكوم سۈيخۇا شەھەرلىك پارتكومغا يازما تەكشۈرۈش تاپشۇردى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا ئىسمىنى ئاتاپ، مەسىلىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش − يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە تەلەپنى قاتلاممۇ-قاتلام كۆپەيتىش مەسىلىسىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتىكى روشەن پوزىتسىيەنى نامايان قىلدى.

  خېيلۇڭجياڭنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى − ئاگاھ سىگنالىدۇر، ھەرقايسى جايلار بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىشى كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرىغا مەسئۇل بولۇش بىلەن تۆۋەنگە مەسئۇل بولۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان مەزگىل، ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىگە قارىتا ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىدىن يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، ئەمەلىيەتكە قارىماي كەلسە-كەلمەس تەلەپ كۆپەيتىدىغان، كەلسە-كەلمەس ئىش قىلىدىغان، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىدىغان قىلمىشلارنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، باشقۇرسىلا ئۆلۈك ھالەتتە بولۇش، قويۇۋەتسىلا قالايمىقانلىشىپ كېتىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ھەم يۇقۇمنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ