مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پەلەستىن شىنجاڭ مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2021.02.04 20:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پەلەستىن زۇڭتۇڭىنىڭ تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى ماجىدى خالىد 3-فېۋرال پەلەستىننىڭ ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  خالىد جۇڭگونىڭ پەلەستىندە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ مۇدىرى گو ۋېي بىلەن تېلېفونلاشقاندا مۇنداق دېدى: پەلەستىن جۇڭگونىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: پەلەستىن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى ئۆلكە، رايونلاردىكى مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغدىغانلىقىنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ھەج قىلىشى قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. پەلەستىن جۇڭگو بىلەن بىللە تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جۇڭگونىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سېلىش سۇيىقەستىگە قارشى تۇرىدۇ.

  گو ۋېي سۆزلىشىش جەريانىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭنىڭ ئىشلىرى − پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ئايرىم دۆلەت ۋە كۈچلەر ئاتالمىش شىنجاڭ مەسىلىسىنى پەيدا قىلىش ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى دەستەك قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى كۆزلەپ، جۇڭگونىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى، ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو پەلەستىن بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگونىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى، ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ئومۇمىيىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ