مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەمگەك تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش كېرەك

2021.02.03 19:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئەمگەك − بارلىق بەختنىڭ مەنبەسى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەمگەك تەربىيەسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «ئەمگەك تەربىيەسىنى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا كىرگۈزۈپ، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچلىرى ۋە ئائىلە، مەكتەپ، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە تۇتاشتۇرۇش»نى تەكىتلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرى يېڭى دەۋردە ئەمگەك تەربىيەسىنى كۈچەيتىشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  ئەمگەك تەربىيەسى − جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تۈزۈمىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنىڭ ئەمگەك روھى قىياپىتى، ئەمگەك قىممىتى يۆنىلىشى ۋە ئەمگەك ماھارىتى سەۋىيەسىنى بىۋاسىتە بەلگىلەيدۇ. ئەمگەك تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇشتا، بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارنى ئەمگەكنى قەدىرلەش، ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىش، ئەمگەكنىڭ ئەڭ شەرەپلىك، ئەمگەكنىڭ ئەڭ ئالىيجاناب، ئەمگەكنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ، ئەمگەكنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىكەنلىكىدەك قائىدىنى بىلىشكە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ئەمگەكنىڭ بەخت يارىتىدىغانلىقىغا بولغان ئەقلىي بىلىش ۋە ئەمەلىيەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، پۇرسەت ۋە شارائىت يارىتىپ، مەزمۇن ۋە شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، مول، كۆپ خىل ئەمگەك ئەمەلىيىتى ئارقىلىق كەڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەرنى جاپالىق ئەمگەكنى شەرەپ، راھەتكە بېرىلىشنى نومۇس دەيدىغان ئەمگەك قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ئەمگەكنى قەدىرلەش، ئەمگەكنى قىزغىن سۆيۈش، تىرىشىپ ئىشلەش، سەمىمىي ئىشلەشتەك ئەمگەك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.

  ئۇنىۋېرسال يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئائىلە − ئەمگەك تەربىيەسىنى يولغا قويىدىغان مۇھىم سورۇن، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى بولۇشتەك مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئائىلە ئەمگەك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئەمگەكنى قەدىرلەيدىغان ئېسىل ئائىلە ئىستىلىنى تەشەببۇس قىلىپ، بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپلا ئەمگەكنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئەمگەك مېۋىسىنى قەدىرلەيدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. مەكتەپ − ئەمگەك تەربىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى ئاساسىي كۈچ بولۇپ، ئەمگەك تەربىيەسى دەرسىنى ياخشى ئېچىپ، دەرس ئىچى-سىرتىدىكى ئەمگەك ئەمەلىيىتى ۋاقتىنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇش باسقۇچىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تۇرۇشلۇق رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەمگەك تەربىيەسى دەرسىنىڭ مەزمۇنىنى ھەقىقىي ياخشى پىلانلاپ، ئەمگەك تەربىيەسى ئۇسۇلى ۋە تەشكىلىي شەكلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچكى ئېھتىياجى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تەربىيە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەمگەك تەربىيەسىنى قوللاش رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئەمگەك تەربىيەسىنى زۆرۈر كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، كۆپ خىللاشقان ئەمگەك ئەمەلىيىتى سۇپىسى قۇرۇپ، ياخشى ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى يارىتىپ، ھەمكارلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ