مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك

2021.02.07 18:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك. يېقىندا، خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكوم «تەلەپنى قاتلاممۇ قاتلام كۆپەيتىش» ھادىسىسىگە قارىتا ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ، بۇ تەدبىرلەرنى دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئورنىغا قوللىنىش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئورنىغا قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى. خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان، ھەم ئاممىنى يۇرت ۋە قېرىنداشلىق مېھرىدىن بەھرىمەن قىلالايدىغان ئۇسۇلى ماختاشقا ئەرزىيدۇ.

  ئىلگىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە ئەڭ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىنغان جاي بولۇش سۈپىتى بىلەن، خۇبېينىڭ «بىر تاياقتا ھەيدەش»نى توسۇشقا بولغان پوزىتسىيەسى ئىنتايىن روشەن بولدى. چۈنكى، مەملىكەت بويىچە ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، تۇيۇقسىز كەلگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى چېكىندۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەشتە خۇبېي ئۆلكىسى ئاغرىقنى ھەقىقىي باشتىن كەچۈرگەن، شۇنداقلا مول ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە. قان بىلەن ئوتنىڭ تاۋلىشى، ھايات-ماماتلىق ئېلىشىش ئارقىلىق، خۇبېيدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىش نەتىجىلىرىنى ساقلاش ئىقتىدارى بار، شۇنداقلا كەڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئاۋارىچىلىقتىن قورقماسلىق، بوران-چاپقۇندىن قورقماسلىق روھىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا ئىشەنچىسى بار. بۇ بىر خىل مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئاڭلىقلىقى، شۇنداقلا بىرخىل چوڭقۇر ھېس قىلغىلى بولىدىغان سەمىمىيەتتۇر.

  ئەگەر، بۇلتۇر تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يۇقۇم بۇ بىر شەھەرنىڭ «ئىممۇنىتېت سىستېمىسى»نى سىنىدى، دېيىلسە، ئۇنداقتا بۇ يىل چاغان مەزگىلىدە، «تەلەپنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كۆپەيتىش»، «تەلەپنى قاتلاممۇ قاتلام كۆپەيتىش»نىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، بىر جاينىڭ «كەشتە تىكىش» ماھارىتى ئەكس ئەتتۈرۈلدى. مەيلى قەيەردە بولسۇن، مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ئەلۋەتتە تېخىمۇ چىڭ تۇتۇش، تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ چەكلەپلا، تاقاپلا بولدى قىلىشقا بولىدىغان ئىش ئەمەس؛ يۇرتىغا قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈشتە ئەلۋەتتە نۇقتىلىق كۆزىتىش، نۇقتىلىق باشقۇرۇش كېرەك، لېكىن قاتتىق بولۇشنىڭمۇ چوقۇم چېكى بولۇشى، ئېپى بولۇشى كېرەك. ئۇنى دەپ بۇنىڭدىن قۇرۇق قالىدىغان، يا يېنىك، يا ئېغىر بولىدىغان ھەرقانداق ئۇسۇل يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئومۇمىيىتىگە پايدىسىز بولۇپلا قالماي، يەنە ئاساسسىز زىددىيەت پەيدا قىلىدۇ، زىيىنى باركى، پايدىسى يوق.

  ئەمەلىيەتتە، «بىر تاياقتا ھەيدەش» مەسىلىسىنى تۈزەشكە جۈرئەت قىلغاندىلا، ئاندىن قىسمەن كادىرلارنىڭ بىيۇروكراتلىق، شەكىلۋازلىق ئىستىلىنى تۈگىتىپ، بەزى جايلارنىڭ «تەلەپنى قاتلاممۇ قاتلام كۆپەيتىش»، بېسىمنى قەدەممۇ قەدەم ئاشۇرۇشىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ. «كىشىلەر دەردىنى بايان قىلىپتۇ»، «پاش قىلىش يوللىرىنى ئېچىشنى ئۈمىد قىلىمىز»، «پۇقرالارنى نازارەت قىلدۇرۇش − ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل»... خەلق تورى يېقىندا ئېلان قىلغان «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» ھادىسىسىگە قارىتا ئۈچ پارچە يۈرۈشلۈك ئوبزورلار ئاستىغا قالدۇرۇلغان ئىنكاسلاردا، نۇرغۇن تورداشلار ئۆز يېنىدىكى «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» تەپەككۇرى ۋە قىلمىشىلىرىنى بايان قىلىپ، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»تىن ساقلىنىشنى قوللايدىغانلىقى ۋە بۇ ھەقتىكى تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ، خەلق ئاممىسىنىڭ «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»كە بولغان تۈپتىن بىزارلىقىنى، ئۇنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛ كاللىسىغا ئۇرۇپلا تاپقان قالايمىقان تەدبىرلەرنى تۈزەتكەندە، ئاندىن ئاممىنىڭ ھېمايىسىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  ئومۇمەن ئېيتقاندا، چاغان مەزگىلىدىكى ئاساسىي قاتلامنى تۈزەش خىزمىتى بىر ئەينەكتۇر. كىمنىڭ مەسئۇلىيەتچان ئىكەنلىكىنى، كىمنىڭ ھورۇنلۇق، بىيۇروكراتلىقنى قىلىۋاتقانلىقىنى خەلق ئاممىسى بىر قاراپلا بىلىدۇ. ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان، قارىغۇلارچە تەدبىر بەلگىلەيدىغان ئۇسۇل − ئەمەلىيەتتە قىلىدىغاننى قىلمايدىغان ۋە قالايمىقان قىلىدىغان «يالغان ئەمەلىيلەشتۈرۈش»تۇر؛ دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ ئىلمىي، دەل جايىدا ئىزدىنىشلەر − مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالىدىغان «ھەقىقىي ماھارەت»تۇر. «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىشنى ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى كۈچەيتىش، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ بىر قېتىملىق سىنىقى قىلىپ، بۇ سوئالغا چوقۇم جاۋاب بېرىپلا قالماي، يەنە چوقۇم ياخشى جاۋاب بېرىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ