شى جىنپىڭ چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا گۇيجوۋغا بېرىپ ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە چاغانلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى، ھەر مىللەت خەلقىگە بەخت، ئاسايىشلىق تىلىدى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ قۇدرەت تېپىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى

2021.02.07 19:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولغان دېھقانلار كالېندارى بويىچە كالا يىلىدىكى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ گۇيجوۋغا بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەت ئەللەردىكى چاۋمىن قېرىنداشلارغا چاغانلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى، كۆپچىلىكنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق، كالا يىلىنىڭ قۇتلۇق بولۇشىنى تىلىدى! ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ تاغ-دەريالىرىنىڭ گۈزەل بولۇشى، گۈللەپ ياشنىشى، گۈللەپ قۇدرەت تېپىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  3-فېۋرالدىن 5-فېۋرالغىچە، شى جىنپىڭ گۇيجوۋ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن يىچىن ۋە ئۆلكە باشلىقى لى بىڭجۈننىڭ ھەمراھلىقىدا بىجيې، گۇيياڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ يېزا، مەھەللە، تاللا بازىرى قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى ۋە ھال سورىدى.

  3-فېۋرال چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن بىجيې شەھىرىگە بېرىپ خىزمەت تەكشۈردى. بىجيې ئىلگىرى غەربىي رايوندىكى نامرات رايونلارنىڭ تىپى ئىدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، گوۋۇيۈەن بىجيېدا «تەرەققىيات ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى» سىناق رايونى قۇرۇشنى تەستىقلىدى. شى جىنپىڭ بىجيې شەھىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئۈچ قېتىم بىجيې سىناق رايونىنىڭ خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى ۋە تەستىق سالدى، «بىجيې سىناق رايونىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ 2013-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان يىرىك پىلانى»نى ياخشى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، بىجيې شەھىرى ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، 2020-يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى.

  ۋۇجياڭ دەرياسى گۇيجوۋ ئۆلكىسىدىكى بىرىنچى چوڭ دەريا، شۇنداقلا چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى ئەڭ چوڭ تارماق ئېقىن. شى جىنپىڭ بىجيې شەھىرىنىڭ چيەنشى ناھىيەسى شىنرېن مياۋزۇ يېزىسىدىكى ۋۇجياڭ دەرياسىنىڭ ليۇچوڭ بۆلىكىدە ۋۇجياڭ دەرياسىنىڭ تاغ-دەريالىرىغا يىراقتىن نەزەر سالدى، ۋۇجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قوغداش، بېلىق تۇتۇشنى مەنئى قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى.

  شى جىنپىڭ خۇاۋۇ پىرىستانىغا بېرىپ دەريا قىرغىقىنى بويلاپ مېڭىپ، ۋۇجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ۋە سۇ سۈپىتى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، شۇ جاينىڭ دەرياغا قۇيۇلىدىغان بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزلىرىنى باشقۇرۇش ۋە سۇ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تەرەققىيات ۋە ئېكولوگىيەدىن ئىبارەت ئىككى تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، يېشىل تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى يولدا تىرىشىپ مېڭىش كېرەك.

  ئارقىدىن شى جىنپىڭ خۇاۋۇ كەنتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. خۇاۋۇ كەنتى ئىلگىرى ئېغىر نامرات كەنت ئىدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزگىچە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ۋە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، نامرات نوپۇسنى تۈگەتتى. شى جىنپىڭ خۇاۋۇ كەنتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى.

  شى جىنپىڭ مياۋزۇ كەنت ئاھالىسى جاۋ يۈشۆنىڭ ئۆيىدە تۇرمۇش-تۇرالغۇ مۇھىتىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرۈپ، جاۋ يۈشۆ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن شۇ جاينىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىق يېمەكلىكى خۇاڭبا تۈگكەچ پاراڭلاشتى. جاۋ يۈشۆ باش شۇجىغا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى سۇ، توك يەتكۈزۈلمىگەن، يول تۇتاشتۇرۇلمىغان ماۋو كەنتىدە ئولتۇراتتۇق، ھازىر ئىككى قەۋەتلىك كىچىك بىنادا ئولتۇرىدىغان بولدۇق، ئائىلىلەرگىچە سۇ، توك يەتكۈزۈلدى. شى جىنپىڭ بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئاساسىي تەدبىر. يېزا-كەنت كەسىپلىرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا قولايلىق يارىتىپ، ئاممىنى ھەم كىرىمگە ئىگە قىلىش، ھەم ئائىلىسىدىن خەۋەر ئېلىپ، بالىلىرىنى ياخشى تەربىيەلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئۇ جاۋ يۈشۆ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كۈنلىرىنىڭ تېخىمۇ بەختلىك، تېخىمۇ شېرىن ئۆتۈشىنى تىلىدى.

  خۇاۋۇ كەنتى مياۋزۇلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەل ئىچى مەدەنىيەت-سەنئەت يۇرتى ھېسابلىنىدۇ. شى جىنپىڭ نامراتلارنى يۆلەش سېخىغا كىرىپ، ئۆزگىچە مياۋزۇ كەشتىچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مىللەتنىڭ دېمەك دۇنيانىڭ دېمەكتۇر. ئۆزگىچە مياۋزۇ كەشتىسى ھەم ئەنئەنە، ھەم مودا، ھەم مەدەنىيەت، ھەم كەسىپ بولۇپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپلا قالماي، يەنە يېزا-كەنتلەرنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، مياۋزۇ كەشتىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

  كەنت مەدەنىيەت مەيدانىدا يۇرتداشلار چاغانلىق ئۆرپ-ئادەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، دۇمباق چېلىپ، نەي چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناۋاتاتتى، ئۇلار مياۋزۇلارنىڭ مېھمان كۈتۈۋېلىش ناخشىسىنى ئېيتتى. باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىك بىرلىكتە «باش شۇجى ياخشىمۇسىز» دەپ تەنتەنە قىلىشتى. شى جىنپىڭ سەمىمىيلىك بىلەن يۇرتداشلارغا مۇنداق دېدى: بۇ يىل بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، تۇنجى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى كۈتۈۋالىمىز. جۇڭخۇا مىللىتى بىر چوڭ ئائىلە، 56 مىللەت 56 گۈل. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، بىر مىللەتنىمۇ قالدۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ؛ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا، بىر مىللەتنىمۇ قالدۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يۇرتداشلارنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، يېزا-كەنت كەسىپلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. خوشلىشىدىغان چاغدا، يۇرتداشلار ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان ھالدا باش شۇجىنى ئورۇۋېلىشتى، مياۋزۇلارنىڭ مېھمان تۇتۇپ قېلىش ناخشىسىنى تەڭ ئېيتتى، چوڭقۇر مۇھەببەتلىك ناخشا ساداسى ۋۇجياڭ دەرياسى ئاسمىنىدا ئۇزاققىچە ياڭرىدى.

  شى جىنپىڭ 4-فېۋرال گۈيياڭ شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن گۈەنشەنخۇ رايونىدىكى بىرىكمە كۈچ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تاللا بازىرىغا بېرىپ، چاغاندىن بۇرۇنقى بازار تەمىناتى، چاغانلىق مال تەمىنات-سودىسى، مال باھاسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈردى. ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش زەنجىرسىمان تاللا بازىرىنى گۇيياڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروت كارخانىلىرى ھەمكارلىشىپ قۇرغان بولۇپ، جامائەتچىل خاراكتېرىگە ئىگە تاۋارلارنى مۇقىم باھادا پارچە سېتىش تېرمىنالى بەرپا قىلىپ، پۇقرالارنىڭ «كۆكتات سېتىۋېلىشى قىيىن، قىممەت بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. شى جىنپىڭ تاۋارلارنىڭ باھاسىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، شۇ جاينىڭ «كۆكتات»، «گۈرۈچ»، «مېۋە» قاتارلىقلارنىڭ تەمىنات كاپالىتى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىرىكمە كۈچ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تاللا بازىرىنىڭ تىجارەت ئەندىزىسى ناھايىتى ئۆزگىچە بولۇپ، ھۆكۈمەتنى يېتەكچى قىلىپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلارنى بىرلەشتۈرۈپتۇ، بىر بېشى ئېتىز باشلىرىدىكى دېھقانلارغا، يەنە بىر بېشى مىليونلىغان شەھەر ئاھالىلىرىگە تۇتۇشۇپتۇ، دەسمايىسىنى ساقلاپ ئاز پايدا ئېلىپ تىجارەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلار بىلەن شەھەر ئاھالىلىرىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، بىرىكمە كۈچ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى نامايان قىلىپتۇ، بۇ خىل ئەندىزە ۋە تىجارەت ئىدىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئەرزىيدۇ.

  چاغانلىق مال سېتىۋالغىلى كەلگەن ئامما باش شۇجىدىن قىزغىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىكتىن چاغانلىق ماللارنىڭ تولۇق تەييارلانغان-تەييارلانمىغانلىقىنى سەمىمىي سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە رەھبىرى كادىرلار پۇقرالارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ھەقىقىي، ياخشى تۇتۇشى، بولۇپمۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۇقرالارنىڭ چاغاننى خاتىرجەم، كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  گۇەنشەنخۇ رايونى جىنياڭ كوچىسى جىنيۈەن مەھەللىسى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى تورى، ئامانلىق تورى، خەلق تۇرمۇشى تورىدىن ئىبارەت «ئۈچ تورنى بىرلەشتۈرۈش»نى پائال يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. شى جىنپىڭ جىنيۈەن مەھەللىسىگە بېرىپ، ئاممىغا قولايلىق مۇلازىمەت قىلىش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاساسىي قاتلام كۈچەيسە، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ، ئاساسىي قاتلام تىنچ بولسا، جاھان تىنچ بولىدۇ، شۇڭا ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۇللۇق خىزمەتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش باش مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، شەھەر-يېزا، مەھەللە تەشكىلاتلىرى ۋە خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت مەركىزىنى ياخشى قۇرۇپ، مەھەللىنىڭ خەلقنى كۆزلەش، خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلقنى خاتىرجەم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئېھتىياجى بولسا، مەھەللىنىڭ مۇلازىمىتى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەھەللىنى ئاھالىلەر ئەڭ خاتىرجەم بولىدىغان، كۆڭلى ئەڭ ئەمىن تاپىدىغان جايغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە يۇقۇمنىڭ سىرتتىن كىرىش بىلەن ئىچكى جەھەتتە قايتىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل. يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپ-خەتىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن، چاغاننى ئۆز يېرىدە ئۆتكۈزۈش تەشەببۇس قىلىندى. جايلار، تارماقلار چاغاننى ئۆز يېرىدە ئۆتكۈزۈش مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنى چاغاننى ئالاھىدە ھەم ئىللىق ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  مەھەللە مەيدانىدا ئاھالىلەر ئۈنلۈك ئاۋازدا باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ جاۋابەن كۆپچىلىككە قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، كۆپچىلىكنىڭ يېڭى بىر يىلدا ھەممە ئىشلىرىنىڭ ياخشى بولۇشىنى، تېخىمۇ ياخشى بولۇشىنى تىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆتكەن بىر يىل ئىنتايىن ئالاھىدە بولدى، دەھشەتلىك بوران-چاپقۇنلار، جاسارەت بىلەن ئېلىشىشلار، تېخىمۇ مۇھىمى مۇۋەپپەقىيەت ۋە غەلىبىلەر بولدى، ھەر بىر ئادەم ئوخشاش چوڭقۇر ھېسسىياتتا بولدى، ھەر بىر ئادەم قالتىس ئىشلارنى قىلدى. بۇ يىلدىن باشلاپ بىز 14-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ قەدەم تاشلايمىز، بىز داۋاملىق بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، غەيرەت بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ يېڭى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك.

  گۇيجوۋ ئۆلكىسىگە جايلاشقان دىيامېتىرى 500 مېتىر كېلىدىغان شارسىمان رادىيو تېلېسكوپ ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يەككە كالىبىرلىق رادىيو تېلېسكوپى بولۇپ، «جۇڭگو ئاسمان كۆزى» دېگەن نامى بار. 5-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ «جۇڭگو ئاسمان كۆزى» تۈرىنىڭ مەسئۇلى ۋە پەن تەتقىقات تايانچلىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، «جۇڭگو ئاسمان كۆزى»نىڭ قۇرۇلۇش مۇساپىسى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، خەلقئارا ھەمكارلىق قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو ئاسمان كۆزى» دۆلەتنىڭ مۇھىم پەن-تېخنىكا ئۇل ئەسلىھەسى، ئالەمنى كۆزىتىش كۆزى، دۆلەتنىڭ مۇھىم قۇرالى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى بىر تۈرلۈك زور ئىجادىي بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى، نەن رېندۇڭ ۋەكىللىكىدىكى زور بىر تۈركۈم پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز خىزمەت قىلىپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، كىشىنى تەسىرلەندۈردى.

  شى جىنپىڭ «جۇڭگو ئاسمان كۆزى» نەق مەيدانىنى ۋىدېيو ئارقىلىق كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە باش كونترول ئۆيىدىكى پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلارنىڭ ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتا، پەن-تېخنىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق ۋە تايانچلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئۇ كەڭ پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى نەن رېندۇڭ قاتارلىق كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىملارنى ئۈلگە قىلىپ، ئالىملار روھىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيا پەن-تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە باتۇرلۇق بىلەن چىقىپ، بەزى ساھەلەردە تەڭ يېتىشىپ ياكى ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ، پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىش، پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  5-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ گۇيجوۋ ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، گۇيجوۋنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، گۇيجوۋنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قارىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئومۇمىيەتنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە ئېكولوگىيەدىن ئىبارەت ئىككى تۆۋەن چەكنى ياخشى ساقلاپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىك خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يېڭى دەۋردە غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشتا يېڭى يول ئېچىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا يېڭى پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجە يارىتىپ، پۇقرالىرى باي، ئېكولوگىيەسى گۈزەل بولغان رەڭدار گۇيجوۋنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى تىرىشىپ يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش __ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى مۇقەررەر تاللاش. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى نەزەردە تۇتۇپ، بۈيۈك سانلىق مەلۇمات بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ ئىستېمال ئېھتىياجىنى پائال قويۇپ بېرىپ، ئىستېمال يېڭى ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق نامايان قىلىش؛ ئىسلاھاتنىڭ باشلامچىلىق ۋە بۆسۈش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە-مېخانىزم مەسىلىسىنى تېخىمۇ كۆپ ھەل قىلىپ، كۆپرەك يېڭىلىق يارىتىپ ئىزدىنىپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى كۆپرەك قولغا كەلتۈرۈش؛ غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق-دېڭىز يېڭى يولى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بويلاپ سىرتقا يۈزلىنىشنى تېزلىتىپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ھەرىكەتچان كۆزىتىش، ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، «تۆتنى تاشلىماسلىق» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كىرىم ئۆزگىرىشى ۋە «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش»نى مۇستەھكەملەش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ قەرەللىك تەكشۈرۈپ، ھەرىكەتچان ئېنىقلاش؛ نامراتلارنى يۆلەش كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ ۋە زورايتىپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەن ئاممىنى داۋاملىق يۆلەشنى كۈچەيتىش؛ شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنتلەردىكى كەسىپ، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىلات قاتارلىقلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ كەنتتە تۇرۇشلۇق بىرىنچى شۇجى ۋە يېزا خىزمەت ئەترىتىنى داۋاملىق تاللاپ ئەۋەتىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت گۇيجوۋنىڭ ئەڭ چوڭ تەرەققىيات ئەۋزەللىكى ۋە رىقابەت ئۈستۈنلىكى. ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يۆنىلىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق سىستېمىسىنى تۈزەشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چۆللىشىش، سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى ئىلمىي ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن بۇ چوڭ ئىشنى ئۈزلۈكسىز ياخشى قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئورتاق بېيىشنىڭ ئۆزى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىر مۇھىم نىشانى، خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، رايون پەرقى، شەھەر-يېزا پەرقى، كىرىم پەرقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەل قىلىپ، ئاممىغا ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسىتىپ، ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈش؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ، كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، تۇرالغۇ قاتارلىق مەسىلىلەرنى گەۋدىلىك ياخشى ھەل قىلىپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش؛ ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، ئاز سانلىق مىللەت مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەينى يىلى ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغاندا، قىزىل ئارمىيەنىڭ گۇيجوۋدا پائالىيەت قىلغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن، پائالىيەت دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولۇپ، بىزگە قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق قالدۇرغانىدى. زۈنيى يىغىنى پارتىيەمىز تارىخىدىكى بىر قېتىملىق ئۇلۇغ بۇرۇلۇش ئەھمىيىتىگە ئىگە مۇھىم يىغىن. شۇ قېتىمقى يىغىن قىزىل ئارمىيەنىڭ 5-قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش»قا قارشى تۇرۇشى مەغلۇپ بولغان ۋە ئۇزۇن سەپەرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان تارىخىي پەيتتە ئېچىلىپ، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە قىزىل ئارمىيەدىكى رەھبەرلىك ئورنى، يولداش ماۋ زېدۇڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى ماركسىزملىق توغرا لۇشيەننىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىكى رەھبەرلىك ئورنى بېكىتىلىپ، پارتىيەنىڭ يولداش ماۋ زېدۇڭ يادرولۇقىدىكى 1-ئەۋلاد مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى شەكىللىنىشكە باشلاپ، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگو ئىنقىلابىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ھالدا ھەل قىلىشىنىڭ يېڭى باسقۇچى ئېچىلىپ، ئەڭ خەتەرلىك پەيتتە پارتىيە، قىزىل ئارمىيە، جۇڭگو ئىنقىلابى قۇتقۇزۇپ قېلىندى. زۈنيى يىغىنىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى __ ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقنى تۈزىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىنى بېكىتىپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تاكتىكىنى ئىجادىي تۈزگەنلىكى ۋە يولغا قويغانلىقىدا. بۇ، بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. پات ئارىدا قانات يايدۇرۇلىدىغان پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئۇزۇن سەپەر روھى ۋە زۇنيى يىغىنىنىڭ روھىدىن چوڭقۇر ھېس قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزگىرىشكە ئىلمىي يۈزلىنىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزگىرىشكە ئىنتىلىپ، نىشاننى بويلاپ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىش كېرەك. پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش؛ خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ مۇھىم نەتىجە دەپ بىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى تۈگىتىش؛ چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ئۈزلۈكسىز ساپلاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، چېن شى، خې لىفېڭ ۋە مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ