مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغان پىدا ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى

2020.11.02 17:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغان پىدا ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلماقتا.

  تۇرغان پىدانىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  تۇرغان پىدا، ئەر، ئۇيغۇر، 1960-يىلى 12-ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ غۇلجىدىن، 1979-يىلى 9-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985-يىلى 3-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

  1979-يىلى 9-ئايدىن 1981-يىلى 7-ئايغىچە غۇلجا ناھىيەسى ئۈچئون يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان؛

  1981-يىلى 7-ئايدىن 1982-يىلى 11-ئايغىچە غۇلجا ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىدا تەرجىمان بولغان؛

  1982-يىلى 11-ئايدىن 1987-يىلى 7-ئايغىچە غۇلجا ناھىيەسى ئۈچئون يېزىسىنىڭ تەشۋىقات كادىرى، ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛

  1987-يىلى 7-ئايدىن 1992-يىلى 10-ئايغىچە غۇلجا ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ كادىرى، بۆلۈم دەرىجىلىك تەشكىلاتچىسى بولغان (1991-يىلى 5-ئايدىن 1992-يىلى 10-ئايغىچە قورغاس ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسىلىق ۋەزىپىسى بىلەن چېنىققان)؛

  1992-يىلى 10-ئايدىن 1996-يىلى 12-ئايغىچە قورغاس ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى بولغان؛

  1996-يىلى 12-ئايدىن 1997-يىلى 9-ئايغىچە قورغاس ناھىيەسىنىڭ مۇۋەققەت ھاكىمى، ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ھاكىمى بولغان؛

  1997-يىلى 9-ئايدىن 1998-يىلى 7-ئايغىچە قورغاس ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىمى بولغان؛

  1998-يىلى 7-ئايدىن 2004-يىلى 2-ئايغىچە غۇلجا شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى، شەھەر باشلىقى بولغان؛

  2004-يىلى 2-ئايدىن 2005-يىلى 10-ئايغىچە غۇلجا شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك) بولغان؛

  2005-يىلى 10-ئايدىن 2007-يىلى 11-ئايغىچە غۇلجا شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى، غۇلجا-چاپچال پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛

  2007-يىلى 11-ئايدىن 2008-يىلى 1-ئايغىچە ئىلى ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛

  2008-يىلى 1-ئايدىن 2008-يىلى 2-ئايغىچە ئىلى ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛

  2008-يىلى 2-ئايدىن 2017-يىلى 11-ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىرى بولغان؛

  2017-يىلى 11-ئايدىن 2018-يىلى 1-ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى (نازىر دەرىجىلىك)، ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان؛

  2018-يىلى 1-ئايدىن ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مىللەتلەر ۋە دىن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ