مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى لى شىنگۇاڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى

2020.11.02 17:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى لى شىنگۇاڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

  لى شىنگۇاڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  لى شىنگۇاڭ، ئەر، خەنزۇ، 1969-يىلى 3-ئايدا تۇغۇلغان، شىنجاڭ فۇكاڭ ناھىيەسىدىن، 1988-يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1995-يىلى 3-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

  1988-يىلى 7-ئايدىن 1994-يىلى 1-ئايغىچە، فۇكاڭ شەھەرلىك 3-مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان؛

  1994-يىلى 1-ئايدىن 1995-يىلى 2-ئايغىچە، فۇكاڭ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ كاتىپى بولغان؛

  1995-يىلى 2-ئايدىن 1998-يىلى 4-ئايغىچە، فۇكاڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ كاتىپى، كاتىبات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئىشخانىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان (بۇ ئارىلىقتا، 1992-يىلى 9-ئايدىن 1995-يىلى 8-ئايغىچە، شىنجاڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە پىداگوگىكا داشۆسى خەنزۇ تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان)؛

  1998-يىلى 4-ئايدىن 2000-يىلى 11-ئايغىچە سانجى شەھەرلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان (بۇ ئارىلىقتا، 1996-يىلى 8-ئايدىن 1998-يىلى 12-ئايغىچە، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە سىرتتىن ئوقۇغان)؛

  2000-يىلى 11-ئايدىن 2001-يىلى 8-ئايغىچە سانجى شەھەرلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان؛

  2001- يىلى 8-ئايدىن 2003-يىلى 6-ئايغىچە سانجى شەھەرلىك پارتكومنىڭ باش كاتىپى، ئىشخانا مۇدىرى، نازارەتچىلىك ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان (بۇ ئارىلىقتا، 2002-يىلى 4-ئايدىن 2002-يىلى 6-ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە سىرتتىن ئوقۇغان)؛

  2003-يىلى 6-ئايدىن 2006-يىلى 1-ئايغىچە گۇچۇڭ ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛

  2006-يىلى 1-ئايدىن 2008-يىلى 1-ئايغىچە گۇچۇڭ ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن ھاكىم بولغان؛

  2008-يىلى 1-ئايدىن 2011-يىلى 7-ئايغىچە سانجى ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئىشخانا مۇدىرى بولغان (بۇ ئارىلىقتا، 2005-يىلى 9-ئايدىن 2008-يىلى 7-ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىدە خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلىق سىنىپىدا ئوقۇغان)؛

  2011- يىلى 7-ئايدىن 2013-يىلى 6-ئايغىچە فۇكاڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى نامزاتى، شەھەر باشلىقى بولغان؛

  2013-يىلى 6-ئايدىن 2016-يىلى 11-ئايغىچە گۇچۇڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛

  2016-يىلى 12-ئايدىن 2017-يىلى 3-ئايغىچە بورتالا ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى بولغان؛

  2017-يىلى 3-ئايدىن ھازىرغىچە، بورتالا ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى، سايرام كۆلى مەنزىرە رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ