مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېزا مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

2020.10.29 18:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «يېزا مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلۇشى ۋە ئاممىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدىيەۋى قاراش، ئىنسانىي روھ، ئەخلاق ئۆلچىمىنى چوڭقۇر قېزىپ، يەرلىك مەدەنىيەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئاساسىي مېلودىيە ۋە ئىجىتىمائىي توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەدەنىي يېزا ئىستىلى، ياخشى ئائىلە ئىستىلى، ئاددىي-ساددا خەلق ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ روھىي قىياپىتىنى ياخشىلاپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ مەدەنىي يېڭى كەيپىياتىنى يارىتىش كېرەك». سىچۈەن ئۆلكىسى يېزا-كەنت مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئىجتىمائىي مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

  يېزا-كەنت مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. يېزا مەدەنىيەت ئىشلىرى − يېزا مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم تىرىكى. يېزا-كەنت مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا دىققەتنى كەمتۈكلۈكلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، مەدەنىيەتنىڭ كەيپىياتنى يېتەكلەش، خەلقنى تەربىيەلەش، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. سىچۈەن ئۆلكىسى «تىزىملەشتۈرۈش» بويىچە تەمىنلەشنى يولغا قويدى، يېزا-كەنت ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى ئىنكاس قىلىش مېخانىزمى ۋە شەھەر-يېزا مەدەنىيەتتە قوشماقلىشىپ ئورتاق بەرپا قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي كۈچلەردىن ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سېتىۋېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت بازىسى قۇرۇلۇشى، باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

  سەرخىل ئىجادىيەتنى يولغا قويۇپ، ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى يېزىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ 1-سېپىگە بېرىپ ئىجادىيەت توپلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرەش مۇساپىسى، مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر تۈركۈم ئىجادىي ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ ۋە نامايان قىلىشقا تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، نامرات ئاممىنىڭ بېيىش، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى ئۇرغۇتتى. خاسلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، سىچۈەن مەدەنىيىتى، زاڭزۇ-چياڭزۇ-يىزۇ مەدەنىيىتى ۋەكىللىكىدىكى مەدەنىيەت ئامىللىرىنى يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈپ، تارىخىي ئەسلىمە، رايون ئالاھىدىلىكى، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە گۈزەل يېزا-كەنت بەرپا قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ