خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەينەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سەنيا شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى تۇڭ داۋچى ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، ھازىر مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.
تۇڭ داۋچىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
تۇڭ داۋچى، ئەر، خەنزۇ، 1967-يىلى 10-ئايدا تۇغۇلغان، خۇنەن پىڭجياڭدىن، 2004-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1991-يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، جۇڭگو خەلق داشۆسى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىلمى تەتقىقات ئورنىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىلمى كەسپى، كانادا كالتون داشۆسى ئاممىۋى باشقۇرۇش كەسپىدە ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزگەن، خىزمەتتىكى دوكتور ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
1984-يىلى 9-ئايدىن 1988-يىلى 7-ئايغىچە، بېيجىڭ داشۆسى ئىگىلىك باشقۇرۇش فاكۇلتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكىنى باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان.
1988-يىلى 7-ئايدىن 1991-يىلى 7-ئايغىچە، جۇڭگو خەلق داشۆسى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىلمى تەتقىقات ئورنىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىلمى كەسپىدە ماگېستىر ئاسپىرانت بولغان.
1991-يىلى 7-ئايدىن 1992-يىلى 7-ئايغىچە، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا ئىقتىساد ۋە سىياسىي تەتقىقات ئورنىنىڭ ياردەمچى تەتقىقاتچىسى بولغان.
1992-يىلى 7-ئايدىن 1994-يىلى 8-ئايغىچە، كانادا كالتون داشۆسىنىڭ ئاممىۋى باشقۇرۇش كەسپىدە ماگېستىر ئاسپىرانت بولغان.
1994-يىلى 8-ئايدىن 1999-يىلى 4-ئايغىچە، ئامېرىكا لەندې شىركىتى ئاسپىرانتلار شۆيۈەنىنىڭ سىياسەت تەھلىلى كەسپى بويىچە دوكتور ئاسپىرانت بولغان (بۇ ئارىلىقتا: 1994-يىلى 8-ئايدىن 1998-يىلى 7-ئايغىچە ئامېرىكا لەندې شىركىتى خەلقئارا بۆلۈمى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى بولغان).
1999-يىلى 4-ئايدىن 2000-يىلى 10-ئايغىچە، دۇنيا بانكىسى باش ئىشتابى كارخانا تەرەققىيات بۆلۈمى شىركەت ئىدارە قىلىش ئىدارىسىنىڭ شىركەت ئىدارە قىلىش مۇتەخەسسىسى بولغان.
2000-يىلى 10-ئايدىن 2000-يىلى 11-ئايغىچە، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى پىلان تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ كادىرى بولغان.
2000-يىلى 11-ئايدىن 2001-يىلى 4-ئايغىچە، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى پىلان تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ ئەزاسى (مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك) بولغان.
2001-يىلى 4-ئايدىن 2006-يىلى 8-ئايغىچە، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.
2006-يىلى 8-ئايدىن 2007-يىلى 4-ئايغىچە، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى تارقىتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.
2007-يىلى 4-ئايدىن 2008-يىلى 2-ئايغىچە، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى خەلقئارا ھەمكارلىق بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلغان) قوشۇمچە تارقىتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.
2008-يىلى 2-ئايدىن 2014-يىلى 4-ئايغىچە، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى خەلقئارا ھەمكارلىق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولغان.
2014-يىلى 4-ئايدىن 2016-يىلى 12-ئايغىچە، سودا مىنىستىرى ياردەمچىسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش-تەرەققىيات رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان (2015-يىلى 10-ئايدا).
2016-يىلى 12-ئايدىن 2018-يىلى 10-ئايغىچە، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش-تەرەققىيات رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بولغان (2018-يىلى 4-ئايدا قالدۇرۇلغان).
2018-يىلى 10-ئايدىن 2018-يىلى 11-ئايغىچە، خەينەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.
2018--يىلى 11-ئايدىن ھازىرغىچە، خەينەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سەنيا شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان (قىسقىچە تەرجىمىھالى سەنيا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتىدىن ئېلىندى).
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى