ئېگېي دېڭىزىدا يەر تەۋرەپ، تۈركىيە ۋە گرېتسىيەدە ئاز دېگەندە 53 ئادەم قازا قىلدى

2020.11.02 17:51 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: قۇتقۇزۇش خادىملىرى 31-ئۆكتەبىر، تۈركىيەنىڭ ئىزمىر ئۆلكىسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان نەق مەيداندا خىزمەت قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، تۈركىيەنىڭ غەربىي قىسمى، گرېتسىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ساموس ئارىلى ئەتراپىدىكى ئېگېي دېڭىزى تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن 6.6 بال يەر تەۋرەش ئىككى دۆلەتتە ئاز دېگەندە 53 ئادەمنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭ ئىچىدە تۈركىيەدە ئاز دېگەندە 51 ئادەم قازا قىلدى، 900 گە يېقىن ئادەم يارىلاندى.

  تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ئوكتاي 1-نويابىر ئىزمىر ئۆلكىسىدىكى ئاپەت رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى سەھەرگىچە، يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەر سانى 51 گە يەتتى، بۇنىڭدىن باشقا 896 ئادەم يارىلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە سەككىز ئادەم ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە داۋالانماقتا.

  ئىزمىر ئۆلكىسى بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە ئەڭ ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ ئۆلكىدە نەچچە ئون ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش تارماقلىرى شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە 5700 دىن ئارتۇق ئادەم ئاپەت رايونىدا قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى كوجا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سەھىيە مىنىستىرلىقى يەر تەۋرىگەندىن كېيىن ئاپەت رايونىغا دەرھال 170 قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ۋە ئىككى قۇتقۇزۇش تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى ئەۋەتىپ ياردەم بەردى.

  تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ 33 سائەتتىن كېيىن، 70 ياشلىق بىر بوۋاينى قۇتقۇزۇش خادىمى خارابىلىق ئاستىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىپ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. نۆۋەتتە قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئىزمىر ئۆلكىسىدىكى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئىمارەت خارابىسىدىن ھايات قالغانلارنى تىرىشىپ ئىزدەۋاتىدۇ.

  تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش تارماقلىرى مۇنداق دېدى: يەر تەۋرەش تۈركىيە ۋاقتى 30-ئۆكتەبىر سائەت 14 تىن 51 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەردى، تەۋرەش دەرىجىسى 6.6 بال بولدى، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن 16.5 كىلومېتىر.

  ئافېنا دۆلەت رەسەتخانىسى يەر شارى ئېنېرگىيە تەتقىقات ئورنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، يەر تەۋرەش مەركىزى ساموسنىڭ غەربىي شىمالىغا تەخمىنەن 16 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىر كېلىدىكەن، پۈتكۈل ئېگېي دېڭىزى ۋە گرېتسىيە چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ