مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: خەلقنى مەركەز قىلىپ، ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزملىق سىياسىي-ئىقتىساد ئىلمىنى تەرەققىي قىلدۇرايلى

2020.08.20 17:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىز خەلقىنىڭ تۇرمۇشى كىيىمى پۈتۈن بولماسلىق، قورسىقى تويماسلىقتىن ئومۇمىي جەھەتتىن ھاللىق سەۋىيەگە تەرەققىي قىلدى، ھازىر ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشقا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. بۇ، پارتىيەمىزنىڭ جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ مەۋقەسى ۋە ئاخىرقى نۇقتىسىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ، ماركسىزملىق سىياسىي- ئىقتىساد ئىلمىنىڭ مەيدانىنى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈردى. ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 28-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «تەرەققىيات خەلق ئۈچۈندۇر، بۇ، ماركسىزمنىڭ تۈپ مەيدانى»، دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزملىق سىياسىي-ئىقتىساد ئىلمىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى كېڭەيتىشتە، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىش، ئومۇمىي خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشنى باشتىن- ئاخىر تۈپ مەيدان قىلىش شەرت.

  ھەممىدە خەلقنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق بېيىش نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەش − دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى، شۇنداقلا زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزملىق سىياسىي-ئىقتىساد ئىلمىدە يېڭىلىق يارىتىپ راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇھىم بۇرچى.

  ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. خەلق ئاممىسى جەمئىيەت تارىخىنىڭ سۇبيېكتى، تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنىڭ ھەل قىلغۇچ كۈچىدۇر. خەلقنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى بولمىغان بولسا، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيىتى بولمىغان بولاتتى، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزملىق سىياسىي-ئىقتىساد ئىلمىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىمۇ بولمىغان بولاتتى.

  پۈتۈن خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزملىق سىياسىي-ئىقتىساد ئىلمىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىشتا، خەلق مەنپەئەتىنى باشتىن-ئاخىر ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بارلىق خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل بەھرىمەن قىلىش شەرت.

  ماركسىزملىق سىياسىي-ئىقتىساد ئىلمىنىڭ ئاساسىي قائىدىسى ۋە مېتودولوگىيەسىنى ئۆگىنىش − ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. نۆۋەتتە، ئىچكى- تاشقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ توغرا، چوڭ-چوڭ فاڭجېنلىرىنى تاللاش ۋە تۈزۈش تېخىمۇ ئاسان ئەمەس. ئېلىمىز ئىقتىسادى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا «پەۋقۇلاددە ئېغىر زەربە» ۋە «بېسىم سىنىقى»غا بەرداشلىق بەردى، بۇ، ماركسىزملىق سىياسىي-ئىقتىساد ئىلمىنىڭ ۋاقتى ئۆتمىگەنلىكىنى، يەنىلا رېئال يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. خەلقنى مەركەز قىلىپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزملىق سىياسىي-ئىقتىساد ئىلمىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ كىرىزىس ئىچىدە يېڭى پۇرسەتلەرنى يېتىشتۈرۈش، ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىغا يەنىمۇ يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، غەلىبىسېرى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ